ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 841بىر خۇشاللىقنىڭ بىر يىغىسى بار.
- 842بىر ساپ ئۈزۈم قىرىق كىشىگە يېتەر.
- 843بىر سۆز بىلەن ئەر ئۆلمەس.
- 844بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مېڭىپ يولداش.
- 845بىر سەر ئالتۇنۇڭ بولغۇچە، بىر مىسقال ئەقلىڭ بولسۇن.
- 846بىر شاتراق موزاي پادىنى بۇلغار.
- 847بىر شاختا گۈلمۇ بولىدۇ، تىكەنمۇ بولىدۇ.
- 848بىر كىشى ياققان ئوت، يۈ كىشىنى ئىسسىتار.
- 849بىر كۆرگەن تونۇش، ئىككى كۆرگەن دوست.
- 850بىر كۈن بۇرۇن تېرىساڭ، ئون كۈن بۇرۇن يىغىسەن.
- 851بىر كۈنلۈك يولداشقا، قىرىق كۈن سالام.
- 852بىر مۈدۈرگەن ئون مۈدۈرەر.
- 853بىر مەستتىن قورق، بىر مۆرىمەستىن.
- 854بىر ياخشىلق ئۇنتۇلماس ، بىر يامانلىق.
- 855بىر ياخشىلىق مىڭ بالادىن قۇتقۇزار.
- 856بىر ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم، مىڭ ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم.
- 857بىر پاتمان ئالتۇنۇڭ بولغۇچە، بىر پاتمان يېرىڭ بولسۇن.
- 858بىر پىلەكتە ئون خەمەك، ھەربىرنىڭ تەمى بۆلەك.
- 859بىر پۇل بېرىپ ئۇسسۇلغا سالسا، ئون پۇل بېرىپ توختاتقىلى بولماس.
- 860بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇپتۇ.
- 861بىر چوڭنىڭ سۆزىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ.
- 862بىر گۆرگە سۇ كىرسە، مىڭ گۆرگە ئەنسىزچىلىك.
- 863بىر گۈل ئېچىلماق بىلەن باھار بولماس.
- 864بىر ھارغانغا گەپ قىلما، بىر ئاچقانغا.
- 865بىرتال باش، بىر قوشۇق ئاش.
- 866بىردىن بەرسەم يەتمەيدۇ، يېرىمدىن بەرسەم تويمايدۇ.
- 867بىرلىك بولماي، تىرىكلىك بولماس.
- 868بىرنى بىر كىم بېرەر، كۆپنى ئەمگەك.
- 869بىرنى كەسسەڭ، ئوننى تىك.
- 870بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا.
- 871بىرى ئۆلمىگۈچە، بىرى كۈن كۆرمەس.
- 872بىرى تويۇپ سەكرەيدۇ، بىرى توڭۇپ.
- 873بىرى چالما دەپ تاشلىۋەتسە، بىرى ئالما دەپ ئالار.
- 874بىزنىڭكىگە كەلسەك يەپلا، سېنىڭكىگە بارسام گەپلا.
- 875بىشەم خوتۇن بەش كۈنلۈك، بېزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك.
- 876بىغەرەزدىن دوزاخ قېچىپتۇ.
- 877بىكار تۇرغۇچە، بىكار ئىشلە.
- 878بىكارچىنىڭ چولىسى يوق، قلغىلى ئىشى.
- 879بىلكى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى.
- 880بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي- چوڭقۇرى تولا.
- 881بىلمىگەنگە ياخشىلىق قىلما، تىڭشىغانغا سۆز.
- 882بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، سورىماسلىق ئەيىب.
- 883بىلىكىڭ توم بولسا، دۈشمىنىڭ سالامغا كېلەر.
- 884بىلىم ئەقلنىڭ چىرىغى.
- 885بىلىمسىزلىك نامراتلىقتىن يامان.
- 886بىلىمسىزگە ئىش يوق، ئىشسىزغا ئاش.
- 887بىلىمسىزگە ھال ئېيىتقۇچە، ئىچىڭگە سىڭىپ كەتسۇن.
- 888بىلىملىكنىڭ كۆزىدە ئالەم، بىلىمسىزنىڭ كۆزىدە مالەم.
- 889بىلگەن بىلگىىنى ئىشلەر، بىلمىگەن بارمىقىنى چىشلەر.
- 890بىگىز قاپتا ياتماس، ئۆلۈك تاغاردا.
- 891بۆرىدىن قورۇققان، قوي باقماس.
- 892بۆرىسى يوق جاڭگال بولماس، ئوغرىسى يوق يۇرۇت.
- 893بۆرىمۇ يولدىشىغا قەست قىلماس.
- 894بۆرىنىڭ ئاغزى يېسىمۇ قان، يېمىسىمۇ قان.
- 895بۆرىنىڭ بالىسىمۇ بۆرە.
- 896بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن، تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان.
- 897بۆرىنىڭ قازىنى يوق، خام يەپ ئۆلگىنى يوق.
- 898بۆرە بالىسى تاغقا قاراپ ھۇۋلار.
- 899بۆرە تاپسا تەڭ ئورتاق، قاغا تاپسا دەرەخ بېشىدا.
- 900بۆرە دوستىغا قەست قىلماس.