ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھايۋانلار
368 ماقال
- 1«سادىق» دەپ ئىسىم قويسا، «تۈلكە» دەپ لەقەم ئالدى.
- 2ئات ئازسا،تايغا ئەگىشەر.
- 3ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش،خوتۇن ئالساڭ يىل.
- 4ئات ئالساڭ بويىنى كۆر،خوتۇن ئالساڭ خۇيىنى.
- 5ئات ئالساڭ مىنىپ كۆر، چېنە ئالساڭ چېكىپ.
- 6ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن.
- 7ئات ئايلىخانغا،يول سارىخانغا.
- 8ئات ئايلىغان ئات مىنەر، كىيىم تاللىغان تون كىيەر.
- 9ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپار.
- 10ئات ئايىغىنى تاي باسار.
- 11ئات ئورنىغا ئېشەك باغلىما.
- 12ئات ئورۇقلۇقتا بۇزۇلار، خوتۇن غېرىبلىقتا.
- 13ئات ئۆلسە ئىتنىڭ تويى بولار.
- 14ئات ئۆلسە ئېگىرى قالار، ئادەم ئۆلسە ئىسمى.
- 15ئات ئېگەردىن پەس ئەمەس.
- 16ئات ئەر كىشىگە قانات.
- 17ئات باشلىمىغاننىڭ پوردىقى چوڭ، ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى.
- 18ئات تاپقۇچە ئېگەر تاپ.
- 19ئات تەپكىنى ھار ئەمەس،ئېشەكنىڭ تەپكىنى ھار.
- 20ئات كىشنىشىپ تېپىشار، ئادەم سىردىشىپ.
- 21ئات كىشنەشكۈچە، ئادەم سۆزلەشكۈچە.
- 22ئات كەينىگە مىنگەشمە، مىنگەشكەندىن كېيىن ۋاي دېمە.
- 23ئات كەينىگە مىنگەشمە،مىنگەشكەندىن كېيىن ئۈندەشمە.
- 24ئات مىنىپ ئاتامغا باقمىدىم.
- 25ئات يوق يەردە ئېشەكمۇ ئات.
- 26ئات يۆتەلسە ئوقۇر سال، كالا يۆتەلسە پىچاق.
- 27ئات ھېرىپ قالسا بىر پىچاق، ئېشەك ھېرىپ قالسا بىر چۆچەك قوناق.
- 28ئاتا-ئانا چۈمۈلىدەك يىغىدۇ، بالىلار توخۇدەك چاچىدۇ.
- 29ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى، چەلپىكىنى ئىتلار تالاشتى.
- 30ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە، ئېتىڭ باردا يول.
- 31ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ، ئېگەر توقۇمدىن ئايرىلما.
- 32ئاتتىن چۈشسە، ئۈزەڭگدىن چۈشمەس.
- 33ئاتقا ئېگەر كېرەك، ئېگەرگە ئەر.
- 34ئاتقا مىنگەشمە مىنگەشكەندىن كېيىن ۋاي دېمە.
- 35ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە، پىيادە بىللە ماڭ.
- 36ئاتنى ئوقۇردا باق، ناننى تونۇرغا ياق.
- 37ئاتنى تەپمەيدۇ دېمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ.
- 38ئاتنىڭ بىڭسىنى سايدا كۆر، قېچىرنىڭ بىڭسىنى لايدا.
- 39ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ.
- 40ئاتنىڭ خۇيىنى ئىگىسى بىلەر.
- 41ئاتنىڭ كىشنىمەيدىغىنى يوق، ئىتنىڭ چىشلىمەيدىغىنى.
- 42ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەس.
- 43ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن.
- 44ئادەم يوق ئۆيدە، ئۆچكىسىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان.
- 45ئادەمنى ئارزۇ ئۇچۇرىدۇ، قۇشنى قانات.
- 46ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش.
- 47ئادەمنى گەپ بىلەن ئالدايدۇ، قۇشنى يەم بىلەن.
- 48ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا.
- 49ئادەمنىڭ بىڭسى قورساقتا، ھايۋاننىڭ بىڭسى تۇياقتا.
- 50ئادەمنىڭ زىننىتى كىيىم، ئاتنىڭ زىننىتى توقۇم.
- 51ئادەمنىڭ كىچىكى بولغۇچە، ئىتنىڭ كۈچۈكى بول.
- 52ئادەمنىڭ كۆركى كىيىم، ئاتنىڭ كۆركى توقۇم.
- 53ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەر.
- 54ئاسماننىڭ قۇشىنى يەرنىڭ يېمى ھالاك قىلار.
- 55ئاق ئىت، قارا ئىت، ھەممىسى ئىت.
- 56ئالتە تەڭگەم بار، ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار، قىز ئالىمەن.
- 57ئالدىرىغان ئىت تامغا سەكرەر.
- 58ئالغۇچى ئارسلان، بەرگۈچى چاشقان.
- 59ئالمىغان ئاتقا ئوقۇر ساپتۇ.
- 60ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل، كالا سۈتى بىلەن كىرمەس.