ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك
51 ماقال
- 1ئادەم ئۆلمەس، كۆزى تويماس.
- 2ئاش كەلسە ئاغزىڭنى ئاچ، سۇ كەلسە سۈڭگۈچۈڭنى.
- 3ئاغزى يامان دەپ تويماس، نەپسى يامان يەپ تويماس.
- 4ئايىدا يېگەن توق، كۈندە يېگەن ئاچ.
- 5ئاچ ئىتقا بەرسەڭ، توق ئىت خىرقىرار.
- 6ئاچ ئېيىق ئوينىماس.
- 7ئاچ بۆرە ئالدىدا قوي ھامان گۇناھكار.
- 8ئاچ قالغان تاماق تاللىمايدۇ.
- 9ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگۈچە ئاتنىڭ قەدرىنى.
- 10ئاچ قورساققا يېسە مېغىز تېتىيدۇ، توق قۇرساققا يېسە سېغىز.
- 11ئاچ كىشىنىڭ ئاچچىقى يامان.
- 12ئاچ كۆز تويماس، بېخىل بېيىماس.
- 13ئاچ نېمىنى يېمەس، توق نېمىنى دېمەس.
- 14ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس، كېسەلنىڭ دەردىنى ساق.
- 15ئوغرى بېيىماس، تەمەخور تويماس.
- 16ئۆز نەپسىدىن كەچمىگۈچە، كىشىنى خۇش قىلغىلى بولماس.
- 17ئۆزى تويسىمۇ، كۆزى تويماس.
- 18ئۇماچ ئىچىتىم توق، ئۆرە قوپسام يوق.
- 19ئەتىيازدا توخۇ تويماس.
- 20ئەرنىڭ جەددى تۆرىدە ئولتۇرۇپ ئاچ چىقىدۇ، خوتۇننىڭ جەددى پەگاھتا ئولتۇرۇپ توق چىقىدۇ.
- 21ئەمىلى يوقىنىڭ غېمى يوق، بالىسى بارنىڭ كۆڭلى توق.
- 22توق كېكىرەر، ئاچ ئوسۇرار.
- 23تويماس كۆزنى گۆرنىڭ توپىسى تويدۇرار.
- 24توپ بولدۇق، توق بولدۇق.
- 25تىرىك ئىززەتكە تويماس، ئۆلۈك دۇئاغا.
- 26تىلەمچىنىڭ خالتىسى تولسىمۇ، كۆزى تويماس.
- 27خوجامنىڭ قورسىقى توق، قىلغىلى ئىشى يوق.
- 28خوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.
- 29دەرد قورۇقى كېتەر، ئاچ قورۇقى كەتمەس.
- 30ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماس.
- 31قانائەت-تۈگىمەس خەزىنە.
- 32قانائەتلىك كىشىنىڭ قارنى توق.
- 33قانائەتنىڭ ئاستى ئالتۇن.
- 34قانچىلىك ئۇخلىساڭ، شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن.
- 35قورساق توق، كۆڭۈل شوخ.
- 36قورسىقى ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، قورسىقى توقنىڭ كۆزى ئۈستىۋاشتا.
- 37قۇرۇق گەپكە قورساق تويماس.
- 38قېرىشقاننىڭ قارنى ئاچ.
- 39كىشىنىڭ ئاغزىغا قارىغان ئاچ قالار.
- 40كۆزى توقنىڭ ئۆزى توق.
- 41كۆزى تويماسنىڭ غېمى تۈگىمەس.
- 42كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى تارت، قورسىقىڭ ئاغرىسا نەپسىڭنى.
- 43مالنى باقساڭ توق بولار، باقمىساڭ يوق بولار.
- 44نەپسى بالا- جانغا بالا.
- 45نەپسى دېگەن بالادۇر، ئاخىر ئوتقا سالادۇر.
- 46نەپسى يوق سۇلتان بولماس، ياقىسى يوق چاپان.
- 47نەپسىنىڭ تىزگىنىنى ئەقىل تۇتسۇن.
- 48يالاقچى يالاپ تويماس، غالچا غاجاپ.
- 49يىلان-چايان ئىزدىسەڭ، قازىنىڭ گۆرىنى ئاچ.
- 50يەپ تويمىغان يالاپ تويماس.
- 51ھۈنەرۋەن باي بولماس، قورسىقىنى ئاچ قويماس.