ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ئائىلە
265 ماقال
- 1ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش،خوتۇن ئالساڭ يىل.
- 2ئات ئالساڭ بويىنى كۆر،خوتۇن ئالساڭ خۇيىنى.
- 3ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن.
- 4ئات ئورۇقلۇقتا بۇزۇلار، خوتۇن غېرىبلىقتا.
- 5ئات ئەر كىشىگە قانات.
- 6ئات باشلىمىغاننىڭ پوردىقى چوڭ، ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى.
- 7ئات مىنىپ ئاتامغا باقمىدىم.
- 8ئاتا ئۆلمەي ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
- 9ئاتا بولمىغان ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
- 10ئاتا كەسىپ بالىغا مىراس.
- 11ئاتا كەسپىنى تاشلىغان، پىشانىسىنى قاشلىغان.
- 12ئاتا-ئانا چۈمۈلىدەك يىغىدۇ، بالىلار توخۇدەك چاچىدۇ.
- 13ئاتا-ئاناڭنى بېشىڭدا كۆتۈر، بالىلىرىڭنى قولۇڭدا.
- 14ئاتام تاپقان-بىكار پۇل، ئۆزۈم تاپقان-شېكەر پۇل.
- 15ئاتامدا بولغۇچە، ئالقىنىمدا بولسىچۇ.
- 16ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى، چەلپىكىنى ئىتلار تالاشتى.
- 17ئاتامنىڭ تاپقىنى ئانامنىڭ بارىكاللىسىغا يەتمەيدۇ.
- 18ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە، ئېتىڭ باردا يول.
- 19ئاتاڭ كىم بولسا، سەن شۇنىڭ ئوغلى.
- 20ئاتاڭ مىراب بولغۇچە، يېرىڭ باشقا بولسۇن.
- 21ئاتاڭدىن دۇنيا قالغۇچە، ھۈنەر قالسۇن.
- 22ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
- 23ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغۇچە، ئەلنىڭ بالىسى بول.
- 24ئاتقا ئېگەر كېرەك، ئېگەرگە ئەر.
- 25ئاتىسى بولۇشقاقنىڭ ئوغلى ئۇرۇشقاق، ئانىسى بولۇشقاقنىڭ قىزى يىغلاڭغۇ.
- 26ئاتىسىزنى كۈيئوغۇل قىلما،ئانىسىزنى كېلىن.
- 27ئاختارمىلىقنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى.
- 28ئاشناڭغا ئىشىنىپ، ئەرسىز قالما.
- 29ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە.
- 30ئاكا-ئۇكىنىڭ ئازارى بولسىمۇ، بىزارى يوق.
- 31ئاكاڭ كىمنى ئالسا، يەڭگەڭ شۇ.
- 32ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغۇچە، پاخمىۋاش ئاناڭ بىلەن قال.
- 33ئالتە تەڭگەم بار، ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار، قىز ئالىمەن.
- 34ئالدىرىغاندا ئېرى خوتۇنىغا تەزىم قىلىپتۇ.
- 35ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل، كالا سۈتى بىلەن كىرمەس.
- 36ئانا قۇشقاچ پاتقان كامارغا بالا قۇشقاچ پاتماپتۇ.
- 37ئانا كۆرۈپ قىز ئال، قىرغاق كۆرۈپ بۆز.
- 38ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس.
- 39ئاناڭ ئۆگەي بولسا، تويۇڭ بۇزۇلار.
- 40ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە.
- 41ئاپتاپ يەرنى تاۋلايدۇ،جاپا ئەرنى.
- 42ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما.
- 43ئوتقا كەلگەن خوتۇننىڭ ئوتتۇز ئېغىز گېپى بار.
- 44ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن.
- 45ئوسمىغا ئامراققا ئەر ئامراق.
- 46ئوغلى بار ئوغلىدىن كۈلمە، قىزى بار قىزدىن.
- 47ئوغلى بارنىڭ ئۆزى بار، قىزى بارنىڭ ئىزى.
- 48ئوغلۇم يەپ ئوۋغا چىقتى، قىزىم يەپ قىرغا.
- 49ئوغلۇڭ ئۆسسە ئۇلۇغلار بىلەن قوشنا بول، قىزىڭ ئۆلسە خىللىقلار بىلەن قوشنا بول.
- 50ئوغۇل -تاغقا ئوخشار، قىز- ئالمىغا.
- 51ئوغۇل بالا تۇغۇلسا ئۆيۈڭگە بىر پەرىشتە قونار، قىز بالا تۇغۇلسا يەتمىش پەرىشتە.
- 52ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ.
- 53ئويماقسىز خوتۇن بولماس، تىغسىز ئەر.
- 54ئىت ئېتەكتىن ئالار، خوتۇن ياقىدىن.
- 55ئىت-ۋاپا، خوتۇن -جاپا.
- 56ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.
- 57ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغا ئېيتما.
- 58ئۆز ئاناڭ كەلمەيدۇ، ئۆگەي ئاناڭ ئۆلمەيدۇ.
- 59ئۆزڭنى ئەر چاغلىساڭ، باشقىنى شىر چاغلا.
- 60ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا.