ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«غ» ھەرپى

20 ماقال

  1. 1غاز كەلدى، ياز كەلدى. غاز كەتتى، ياز كەتتى.
  2. 2غوجامنىڭ غوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى.
  3. 3غورا بولماي مېغىز بولماس.
  4. 4غورا غورىنى كۆرسە ئالا بوپتۇ.
  5. 5غونىجىننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ.
  6. 6غۇلاچقا چىداپ، غېرىچقا چىدىماپتۇ.
  7. 7غۇلىچى تۈگەپ، غېرىچى قاپتۇ.
  8. 8غېرىبنىڭ ھالىغا غېرىب يېتەر.
  9. 9غېرىچقا ئېرىشىپ، غۇلاچقا تىكىلىپتۇ.
  10. 10غەرەزدىن غەرەز تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرزە تۇغۇلار.
  11. 11غەم باسسا، غەپلەتمۇ باسار.
  12. 12غەم قىلغۇچە، پەم قىل.
  13. 13غەم-قايغۇ كېسەل قىلىدۇ، خۇشاللىق داۋالايدۇ.
  14. 14غەم-قايغۇسىز ئادەم سۇ ئىچسىمۇ سەمرىيدۇ.
  15. 15غەمىسزنىڭ پەرۋايى پەلەك.
  16. 16غەيرەتلىك ئەردىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس.
  17. 17غەيرەتلىك بولسا، يۇلتۇز سانايسەن.
  18. 18غەيرەتلىك كىشى تاغنى قۇم قىلار.
  19. 19غەيۋەت ئۆيۈمنى بۇزدى، مۇسىبەت كۆڭلۈمنى.
  20. 20غەيۋەت-شىكايەت جېدەلگە دالالەت.
«غ» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى