ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«م» ھەرپى
96 ماقال
- 1ماختانچاق-بىكارچىغا ئويۇنچۇق.
- 2ماختانچاقنىڭ ئۆيىگە بارما، كېرىلگەننىڭ تويىغا.
- 3ماختىغان قىز تويىدا چىچىپتۇ.
- 4مازاردىن مەدەت تىلىگۈچە، توغراقتىن ئامۇت تىلە.
- 5ماقۇلغا جاۋاب يوق.
- 6مال ئالساڭ كۆرۈپ ئال، قىز ئالساڭ بىلىپ.
- 7مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك.
- 8مال ئىگىسىنى دورايدۇ.
- 9مال تۈرى بىلەن، ئادەم قاياشى بىلەن.
- 10مال سەمرىسە ياغ بولار، يەر سەمرىسە باغ.
- 11مالدا مال بار، ئادەمدە ئادەم.
- 12مالسىزلىقتىن ئاڭسىزلىق يامان.
- 13مالنى باقساڭ توق بولار، باقمىساڭ يوق بولار.
- 14مالنى تاپقان باقسۇن، ئوتۇننى چاپقان ياقسۇن.
- 15مالنى كېپەككە ئال، باققۇچىنى ئالتۇنغا.
- 16مانتا كۆرمىگەن قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ.
- 17مانتىغا پىياز، سامسىغا تۇز، ھەركىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز.
- 18مايماق توكۇرنى دوراپتۇ.
- 19ماڭا كەلگەندە ساينىڭ سۈيى توختاپتۇ.
- 20ماڭغان پۇتقا توپا يۇقار.
- 21ماڭغۇسى كەلمىگەن ئۇي، بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرار.
- 22موزاي قوزۇققا چوڭلۇق قىلار.
- 23موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە.
- 24موللىغا ئون تاياق، نادانغا بىر تاياق.
- 25موللىنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما.
- 26موللىنىڭ قارنى بەشتۇر، بىرى ھەمىشە بوشتۇر.
- 27موللىنىڭ ياخشىسى تەمەرگە ئەمەس، مۇساپىرنىڭ ياخشىسى قەلەندەر.
- 28موماي باققان بالا، تامدىن سەكرىگەن كالا.
- 29مىدىرلىغان قىر ئاشار.
- 30مىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.
- 31مىلجىڭ ئادەم سۆز بۇزار، قىڭغىر ھارۋا يول.
- 32مىننەتلىك ئېشىڭدىن، قارنىمنىڭ ئېچى ياخشى.
- 33مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
- 34مىڭ ئۆلۈكتىن بىر تىرىك ئەلا.
- 35مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن، بىر ئېغىز چىپ-چاپ ياخشى.
- 36مىڭ دوست ئاز، بىر دۈشمەن كۆپ.
- 37مىڭ سەرنى يوقاتقان بىر سەر.
- 38مىڭلىققا بۆرە تەگسە، بىرلىككە پىچاق ئېلىپ يۈگۈرەر.
- 39مۇت-زەھەر بولسىمۇ يۇت.
- 40مۇزلىساڭ مۇز يە.
- 41مۇزنىڭ ئۆمرى باھارغىچە.
- 42مۇساپىر ئىتنىڭ قۇيرۇقى ئىچكىرى.
- 43مۇساپىر بولمىغۇچە، يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
- 44مۇشت بەرگەنگە ئاش بەر.
- 45مۇشەققەتسىز ھۈنەر بولماس.
- 46مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭەر.
- 47مۇھەببەت كۆرۈنمەيدىغان ئوت، تۈگىمەيدىغان دەرد.
- 48مۇھەببەت چىراي تاللىماس، ئۇيقۇ يەر (تاللىماس).
- 49مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولماس.
- 50مۈدۈرمەيدىغان ئات يوق، يېڭىلىشمايدىغان ئادەم.
- 51مۈشۈك چۈشىدە چاشقان كۆرەر.
- 52مۈشۈك گۆشكە بوي يەتمىسە، سېسىقكەن دەر.
- 53مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن.
- 54مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق، قېرىنىڭ چىشى يوق تۆشكە.
- 55مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق، گۆشكە ئامراق.
- 56مۈشۈكى ياخشى ئۆينىڭ تاغرى ساق.
- 57مۈكچەيگەننىڭ بېلىنى كەتمەن تۈرەيدۇ.
- 58مېلى ناچار سودىگەر، مېلىنى ھەممىدىن بەك ماختايدۇ.
- 59مېلىڭ مىڭغا يەتكۈچە، دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن.
- 60مېنىڭ ئېتىم بېگىلى، ئەرگە تەگدىم يېگىلى.