ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ئې» ھەرپى
57 ماقال
- 1«ئېلىپ»نى تاياق دېيەلمەپتۇ، «مىم»نى چوماق..
- 2«ئېيت،ئېيت»دېسە، ئاتىسى ئېسىدىن چىقىپتۇ.
- 3ئېتى ئۇلۇغ، سۇپىرىسى قۇرۇق.
- 4ئېتىم يانداق، كالام تارتماس، ئىككى كېلىن بىر ئۆيگە پاتماس.
- 5ئېتىنى ئۇتتۇرۇپ ياياق قالدى، خوتۇنىنى ئۇتتۇرۇپ بويتاق.
- 6ئېتىڭنى قامچا بىلەن ھەيدىگۈچە، يەم بىلەن ھەيدە.
- 7ئېرى ماز بولسا، خوتۇنىغا كۈن يوق.
- 8ئېرىقنى ئويۇپ چاپ، سۇنى ئويناپ تۇتۇت.
- 9ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلار، ئۇيالساڭ سۆزڭنى.
- 10ئېرىنچەك بىر ئىشنى ئىككى قىلار.
- 11ئېرىنچەككە بۇلۇتنىڭ سايىسى يۈك.
- 12ئېرىنچەكنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس.
- 13ئېرىڭدىن يامانلىماي ئەيىبىڭدىن يامانلا.
- 14ئېزى ھەسەل، تولىسى بىمەسەل.
- 15ئېسىلساڭ نارغا ئېسىل، يىقىلساڭ ناردىن يىقىل.
- 16ئېسىلنى ئالساڭ خاتا يوق، ئەسكىنى ئالساڭ ۋاپا.
- 17ئېشكىگە يارىشا توقۇمى.
- 18ئېشى يارىسا قاچىسىغا قارىما، قىزى يارىسا ئانىسىغا.
- 19ئېشىغا قاراپ تاۋىقى، ھۈنىرىگە قاراپ سىمكىرى.
- 20ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە.
- 21ئېشىكىم ئوبدان ئېشەك، كۆتۈرۈشى تۆت تال كېسەك.
- 22ئېشىكىڭنىڭ دمبىسىگە ئاپتاپ چۈشسە، قولۇڭنى ئىسىت.
- 23ئېشىمدا يوق پۇرچاق، پوقۇمدا نېمىش قىلار.
- 24ئېشىنى يەپ تاۋىقىنى چېقىپتۇ.
- 25ئېشەك ئالدىغا چۈشىۋالسا، ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار.
- 26ئېشەك ئۆلۈۋاتسا، كۆتى غىجەك تارتىپتۇ.
- 27ئېشەك باينىڭ، تاغار باينىڭ، يىقىلسا يۆلىمەيمەن، ئۆلسە تۆلىمەيمەن.
- 28ئېشەك بىلمەس تۆشەك قەدرىنى، مۈشۈك بىلمەس سۆڭەڭ قەدرىنى.
- 29ئېشەك دۇلدۇل بولالماس.
- 30ئېشەك سەمرىسە ئوقۇرىغا تېزەكلەر.
- 31ئېشەك كۈل تاپسا ئېغىنار.
- 32ئېشەك ھارسا قۇشقۇندىن كۆرىدۇ.
- 33ئېشەك-ئېشەكتىن قالسا، قۇلىقىنى كەس.
- 34ئېشەككە ئالتۇن ئېگەر توقۇلسىمۇ، يەنىلا ئېشەك.
- 35ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمنى.
- 36ئېشەككە مىنگەننىڭ پۇتى تىنچىماس.
- 37ئېشەكنى ئوتقا ھەيدىسە، پوققا يۈگىرەيدۇ.
- 38ئېشەكنىڭ ئۆزى تېگىشلىك بولمىغان، كۈچى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ.
- 39ئېشەكنىڭ ھۈنىرى ھاڭراش.
- 40ئېغىرلىق تاشقا يارالغان، يېنىكلىك قامغاققا.
- 41ئېغىرلىق-راھمانلىق، يېنىكلىك-شەيتانلىق.
- 42ئېغىز ئېغىزدىن قالماس.
- 43ئېغىز يېسە، يۈز ئۇيىلار.
- 44ئېغىز-ئايغاق، تىل تايغاق.
- 45ئېغىزدىن چىققان سۆز، يەرگە سېپىلغان سۇ.
- 46ئېغىزنىڭ نوختىسى يوق، تىلنىڭ سۆڭىكى.
- 47ئېلىپ ئالتە بولماپتۇ، يەپ يەتتە.
- 48ئېيىتقان سۆز ئاتقان ئوق.
- 49ئېيىتقان يەردىن قالما، ئېيىتمىغان يەرگە بارما.
- 50ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم.
- 51ئېپىنى تاپساڭ قارمۇ كۆيىدۇ.
- 52ئېگىز بۇرۇننى كۆرە-كۆرە، پۇچۇق بۇرۇن كىرىپ كېتىپتۇ.
- 53ئېگىز تاغدا قار بولۇر، مەرد يىگىتتە ئار.
- 54ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقىپتۇ.
- 55ئېگىلمىگەنگە ئېڭىشمە.
- 56ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەس.
- 57ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە، غادايغانغا غاداي بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە.