ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

راستچىللىق ۋە ئادالەت

75 ماقال

  1. 1ئادىل سۆز ئەقىلنىڭ تارازىسى.
  2. 2ئادىلنىڭ يولى بىر، تېگىشلىك بولمىغانلىقنىڭ يولى مىڭ.
  3. 3ئوغرى ئاسماقچى كېلەر، غالچا غەيۋەتچى.
  4. 4ئوغرى ئالغان مالغا ئىگىسى سەۋەبكار.
  5. 5ئوغرى ئۆلگۈچە«مەن ئاق»دەپ تۇرار.
  6. 6ئوغرى بولساڭ ئىنساپ بىلەن بول، تاۋىقىنى ئالساڭ قوشۇقىنى قوي.
  7. 7ئوغرى بېيىماس، تەمەخور تويماس.
  8. 8ئوغرى تۇتساڭ چوڭنى تۇت.
  9. 9ئوغرى تۇتۇلار، قىمارۋاز ئۇتۇلار.
  10. 10ئوغرى تۇتۇلسا يەرگە قارايدۇ، جالاپ تۇتۇلسا كۆككە.
  11. 11ئوغرى تۈن يېرىمىدا، پىتنىخور كۆپكۈندۈزدە.
  12. 12ئوغرى ساقچىدىن قورقىدۇ، جىن ياخشىدىن.
  13. 13ئوغرى قېرىسا سوپى بولار، جالاپ قېرىسا بۈۋى بولار.
  14. 14ئوغرىدىن ۋاپا كۈتمە، ئوغىدىن شىپا.
  15. 15ئوغرىسى يوق يۇرت بولماس، بۆرىسى يوق جاڭگال.
  16. 16ئوغرىنى ئوغرى تاپار.
  17. 17ئوغرىنى قاراقچى سوقۇپتۇ.
  18. 18ئوغرىنىڭ دوستى يانچۇقچى.
  19. 19ئوغرىنىڭ كۆزى كېچىسى كۆرەر.
  20. 20ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
  21. 21ئىت-ۋاپا، خوتۇن -جاپا.
  22. 22ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ.
  23. 23ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.
  24. 24ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
  25. 25ئۆيگە ئوغرى كىرگەندە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ.
  26. 26ئېسىلنى ئالساڭ خاتا يوق، ئەسكىنى ئالساڭ ۋاپا.
  27. 27بار پۇلۇمنى ئوغرى ئالدى، قالغىنىنى رەمچى.
  28. 28بۆرىسى يوق جاڭگال بولماس، ئوغرىسى يوق يۇرۇت.
  29. 29بۇ يەردە ئوغرى يوق، ھېلى قويغان ھېلى يوق.
  30. 30توخۇنى ئوغۇرلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمنى يېگەنمۇ ئوغرى.
  31. 31جاغدا قېرىماس، ئوغرى بېيىماس.
  32. 32خوتۇنغا ئىشەنمە، قومۇشقا يۆلەنمە.
  33. 33دۇدۇق سۆزگە يارىماس، ئوغرى كۆزەتكە.
  34. 34دەللالنىڭ دەسمايىسى يالغانچىلىق.
  35. 35راست ئېيىتقان قۇتۇلار، يالغان ئېيىتقان تۇتۇلار.
  36. 36راست ئېيىتىڭ قۇتۇلدۇڭ، يالغان ئېيتىڭ تۇتۇلدۇڭ.
  37. 37راست بىلەن يالغان بىر يەردە جەم بولالماس.
  38. 38راست گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يالغان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
  39. 39راست گەپكە سۇئال يوق.
  40. 40راست گەپنىڭ خىجالىتى يوق.
  41. 41راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان.
  42. 42راسلىق-ھەقلىق.
  43. 43سېرىقتالدا كەلگەن مېھمان، ئوغرى كەلگەندىنمۇ يامان.
  44. 44قوينۇم ئوغرى، قونجۇم ئوغرى.
  45. 45قۇغۇنلۇققا ئوغرى كىرسە، خام-پىششىقىنى تاللىماس.
  46. 46قۇلاق ئاڭلىغان يالغان، كۆز كۆرگەن راست.
  47. 47قېرى قۇشقاچ كېپەككە ئالدانماس.
  48. 48قەدىرلىگىن ۋاقتىڭنى، ئىشەنمىگىن ئۆمرۈڭگە.
  49. 49كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغان يالغان.
  50. 50كۆپنىڭ مېلىنى ئوغرى ئالماس.
  51. 51كېچىسى ئېيىتقان سۆز خوتۇننىڭ راست، كۈندۈزى ئېيىتقان سۆز ئانىنىڭ راست.
  52. 52كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟
  53. 53لولا قولدىن ئالىدۇ، ئوغرى يولدىن.
  54. 54مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك.
  55. 55ياخشىدىن جاپا كەلمەس، ياماندىن ۋاپا.
  56. 56يالغان ئېيىتساڭ تۇتۇلىسەن، راست ئېيىتساڭ قۇتۇلىسەن.
  57. 57يالغان راست بولماس، راست يالغان بولماس.
  58. 58يالغانچى ئۆلۈكنىمۇ گۇۋاھلىققا تارتار.
  59. 59يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس.
  60. 60يالغانچىنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، قەسەم بىلەن ۋەدىسى تۈگىمەس.
راستچىللىق ۋە ئادالەت ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى