ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ج» ھەرپى
37 ماقال
- 1جاغدا قېرىماس، ئوغرى بېيىماس.
- 2جان بار يەردە قازا بار.
- 3جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان.
- 4جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.
- 5جان دوستۇڭ جېنىدىن كېچەر، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس.
- 6جان كۈندە چېچەكلىمەس، جاننى ئاسرىساڭ، ۋاقىتنى چىڭ تۇت.
- 7جان كۈندە چېچەكلەمدۇ، قوغۇن كەندە خەمەكلەمدۇ
- 8جان چىققاندا ياسىننىڭ نېمە كېرىكى.
- 9جان چىقمىغۇچە خۇي چىقماس.
- 10جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتمەس.
- 11جاننى ئېلىپ قاچقان يول تاللىماس، قورسىقى ئاچقان نان تاللىماس.
- 12جاننى پۇلغا ئالغىلى بولماس.
- 13جاي بەرگەنگە جان بەر.
- 14جايى يوقنىڭ جېنى يوق.
- 15جاپا تارتمىغۇچە ھالاۋەت يوق.
- 16جاپانىڭ تېگى راھەت.
- 17جاڭگال ئارقىسىدىكى كۆرۈنەر، بۇرۇن ئاستىدىكى كۆرۈنمەس.
- 18جاڭگالدا يوقالغان ئىشەكنى، ئۆيدىكى مومايدىن سوراپتۇ.
- 19جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك، شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ.
- 20جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق.
- 21جاھاندا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى.
- 22جاھىل ئۆز بېشىنى يەر.
- 23جمغۇرنىڭ ھۈنىرى ئىچىدە.
- 24جىرتاق خوتۇنغا چاپاق ئەر.
- 25جىق بولسا كېتەر، ئاز بولسا يېتەر.
- 26جىقنى دەپ ئازدىنمۇ قۇرۇق قاپتۇ.
- 27جىم تۇرغان تامغا ئۈسمە.
- 28جىم ياتقان يىلاننى قوزغىما.
- 29جىمغۇرنىڭ چىشى قولتۇقىدا.
- 30جىندىن قېچىپ ئالۋاستىغا ئۇچراپتۇ.
- 31جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا.
- 32جىننىڭ گېپىنى قىلسا جىن چىقار.
- 33جېدەل نەدىن كېلەر تالاشتىن، بالا نەدىن كېلەر قاياشتىن.
- 34جېدەلنى باشلىغان لاپچى، ئۇسسۇلنى باشلىغان داپچى.
- 35جېنىدىن تويغان جاھانغا سىغماس.
- 36جەڭدە ئۆلسە بىر كىشى، ئىز باسىدۇ مىڭ كىشى.
- 37جەڭنىڭ بىر جەڭ، توققۇزى رەڭ.