ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

سەۋر-تاقەت

14 ماقال

  1. 1ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ.
  2. 2ئاستا ماڭغان تاغ ئاشار، يۈگۈرگەن باغ.
  3. 3ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.
  4. 4ئىشىكتىن موردا چىقسا، تۈڭلۈكتىن سەۋر كىرەر.
  5. 5بار بولسا تۇرالمايدۇ، يوق بولسا چىدالمايدۇ.
  6. 6سەۋر ئەقىلنىڭ بەلگىسى.
  7. 7سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر.
  8. 8سەۋرنىڭ تۈۋى سېرىق ئالتۇن.
  9. 9سەۋىرلىك چىدار، سەۋىرسىز يىغلار.
  10. 10غۇلاچقا چىداپ، غېرىچقا چىدىماپتۇ.
  11. 11قازاغا رىزار، بالاغا سەۋر.
  12. 12قىرىققا چىدىغان، قىرىق بىرگىمۇ چىدايدۇ.
  13. 13كۆڭۈلنىڭ تۈۋرۈكى سەۋر.
  14. 14مەن ئالدىرايمەن كەتكىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى.
سەۋر-تاقەت ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى