ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ش» ھەرپى
16 ماقال
- 1شاخىنىچى كالا خاماننى بۇلغايدۇ.
- 2شار-شار يامغۇر ياندىن ئۆتەر، سىم-سىم يامغۇر جاندىن.
- 3شاكىچىك تىككەن توقۇمنىڭ، ئالدى-كەينىنىڭ پەرقى يوق.
- 4شالاڭ ئاش باش كۆرسىتەر، قويۇق ئاش چەش.
- 5شام ئۆز يىپىنى كۆيدۈرەر.
- 6شامال ئۆتۈشمەيىدىغان تام يوق.
- 7شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس.
- 8شاپاققا تېيىلىپ، ئۇرۇققا زوڭ ئولتۇرۇپتۇ.
- 9شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆچكىدە مال.
- 10شىرنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
- 11شېكەرنىڭ ئېزى شېرىن.
- 12شەرتى كېتىپ، پەرتى قالدى.
- 13شەرىئەتنىڭ مىڭ بىر پۇتىقى بار.
- 14شەنگىنىڭدىن قورقمايمەن، قوناقلىقتىن چىقمايمەن.
- 15شەيخ قاچقان بىلەن مازار قاچماس.
- 16شەھەر ئالىمەن دەپ شەرمەندە بوپتۇ.