ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 781بالا كەلسە قوشلاپ كېلىدۇ، بىر-بىرنى باشلاپ كېلىدۇ.
- 782بالا يىغلاپ چوڭ بولار، قاپاق ساڭگىلىشىپ.
- 783بالا يىغلىمىغۇچە، ئانا ئەمچەك سالماس.
- 784بالا-قازا باينىڭ يېنىغا كېلەر، كەمبەغەلنىڭ جېنىغا.
- 785بالا-قازا دەرەخ بېشىدا ئەمەس، ئادەم قېشىدا.
- 786بالا-قازا قاش-كىرپىكنىڭ ئارىسىدا.
- 787بالا-قازا كۆرنۈپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلىتىپ.
- 788بالا-قازا كەلسە، قوشلاپ كېلەر.
- 789بالا-قىلغان ئىش چالا.
- 790بالا،بالا بولغۇچە، ئانىسى موما بولار.
- 791بالاڭ ئۆلسە ئەرگە باق، ئېرىڭ ئۆلسە يەرگە.
- 792بالدرۇر بارغان گۆش يەيدۇ، كېيىن قالغان مۇشت.
- 793بالىدىن نەۋرە تاتلىق، جىگدىدىن گۈلە.
- 794بالىلار چوڭ بولۇشنى ئويلىىسا، چوڭلار ياشىرىشنى ئويلايدۇ.
- 795بالىلىق قاغىغا يەم تەگمەس.
- 796بالىلىقنىڭ كۆڭلى ياش، بالىسىزنىڭ كۆڭلى تاش.
- 797بالىنى ئىشقا بۇيرۇ، كەينىدىن ئۆزۈڭ يۈگۈر.
- 798بالىنى بۇزغۇڭ كەلسە ماختا.
- 799باي بالىسى ئون بەشكە كىرسە باش، كەمبەغەل بالىسى ئوتتۇزغا كىرسىمۇ ياش.
- 800باي بايغا قارار، سۇ سايغا ئاقار.
- 801باي بولسا بۆلۈپ بەرمەس، گاداي بولسا ئۆلۈپ.
- 802باي بىلەن داۋالاشما، باتۇر بىلەن چېلىشما.
- 803باي تالقان يېگەندە يامغۇر ياغار، كەمبەغەل تالقان يېگەندە بوراق چىقار.
- 804باي تولا يېسە، خوردان دەيدۇ، نامرات تولا يېسە، ئوپقان دەيدۇ.
- 805باي قەيەردە بولسا، ۋاي شۇ يەردە.
- 806باي كىيسە مۇبارەك بولسۇن! كەمبەغەل كىيسە نەدىن ئالدىڭ؟
- 807باي مېلىنى سۆزلەر، گاداي مۇڭىنى.
- 808باي گۆش يېسە، قارنىغا كىرەر، كەمبەغەل گۆش يېسە چىشىغا.
- 809بايدىن ئەمەلدار چىقسا، كەمبەغەلدىن دانا چىقار.
- 810باينى مال باسىدۇ، كەمبەغەلنى بالا.
- 811باينىڭ ئېشىدىن كەمبەغەلنىڭ مۇشتى ياخشى.
- 812باينىڭ مېلى كەمبەغەلنىڭ كۆز يېشى.
- 813باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، يالاڭ تۆگىنىڭ قوپقۇسى .
- 814بوراننىڭ گۈكىرىشىگە تاغ تەۋرىمەس.
- 815بوزەكنى بوزەك ئەتسەڭ، ئۇۋالىغا قالىسەن.
- 816بوش تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ.
- 817بوغۇمسىز يەرگە پىچاق سالما.
- 818بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى.
- 819بولسا ھەرنېمە ئوخشايدۇ.
- 820بولىدىغان ئاش كۆكىدىن مەلۇم.
- 821بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، خۇرجۇن قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم.
- 822بوي ئىشلىمەي، قول ئىشلەر.
- 823بوي يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.
- 824بوينى ئۇزۇندىن سورىساڭ، تۆگىدىن سورا، ساقىلى ئۇزۇندىن سورىساڭ، ئۆچكىدىن.
- 825بوينىدا ئىللىتى بارنىڭ، ئايىغى سىرقىرار.
- 826بوينىنى ئېگەلمىسەڭ قولىنى سۆي.
- 827بوينىنى باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس.
- 828بويۇمغا بويى ماس كەلدى، مىجەزىمىز تەس كەلدى.
- 829بويۇڭ يەتمىگەن يەرگە ئېسىلما.
- 830بوۋاق دادىنى ئۈچ كۈندە تونۇيدۇ، ئانىنى قىرىق كۈندە.
- 831بىتەلەي تالقان يېسە، قارنىدىن بوران چىقىپتۇ.
- 832بىر ئاتا ئون بالىنى باقار، ئون بالا بىر ئاتىنى باقالماس.
- 833بىر ئادەمگە ئامەت كەلسە، ئۇنىڭ ئىت-مۈشۈكلىرىمۇ ئەتلىنىپتۇ.
- 834بىر ئارزۇ ئون ئارزۇنى تۇغىدۇ.
- 835بىر ئانىدىن ئارغامچا-توقۇناقتىن باشقىسى چۈشەر.
- 836بىر ئىت قاۋىسا، ھەممە ئىت تەڭ قاۋاپتۇ.
- 837بىر ئېغىزدىن چىققان سۆز، مىڭ ئېغىزغا يېيىلار.
- 838بىر خار بولغان، نبىر ئەزىز بولماي قالماس.
- 839بىر خوتۇننىڭ ھىيلىسى، قىرىق ئەرنىڭ ھىيلىسىدىن ئارتۇق.
- 840بىر خىل تۇرساڭ، يۈز يىل ئۆمۈر كۆرىسەن.