ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ھ» ھەرپى
76 ماقال
- 1ھارغان ئېشەك يېتىپ ھاڭرايدۇ.
- 2ھارغاندىن ھال سورا، گەپ سورىما.
- 3ھارماڭ دېسە، خامان باقتىم دەپتۇ.
- 4ھارماڭ دېسە، ھاپاش بوپتۇ.
- 5ھارۋا بۇرۇلۇشتىن ئاۋۋال غىچىرلايدۇ.
- 6ھارۋاڭ سۇنسا ئوتۇن بولار، ئېتىڭ ئۆلسە گۆش.
- 7ھارۋىكەش ئاۋارىكەش.
- 8ھارۋىنى ئات تارتىدۇ، سايىسىنى ئىت.
- 9ھازىغا بارغان خوتۇن ئۆز يىغىسىنى يىغلار.
- 10ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن، ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
- 11ھالغا بېقىپ ھەشەم، داپقا بېقىپ سەنەم.
- 12ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن.
- 13ھالۋىنى كۆپ يېسەڭ زاڭ تېتىيدۇ.
- 14ھاماقەتنى ھارماڭ دېمە، ھارغاندا ئۆزى توختايدۇ.
- 15ھايان ماڭا بولسۇن، زىيان ساڭا بولسۇن.
- 16ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە.
- 17ھاپتىغا شىپىتى، توڭرىلىققا مەرەزدار.
- 18ھاڭرىمىغان ئېشەكتىن ئالۋان ئاپتۇ.
- 19ھاۋانىڭ يامىنى كېتەر، ئادەمنىڭ يامىنى كەتمەس.
- 20ھاۋانىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق، قېرىنىڭ جۇدۇنى بار، ماغدۇرى يوق.
- 21ھودۇققان ئىت تامغا سەكرەك.
- 22ھودۇققان تۈگەپ، شورى قالدى.
- 23ھورۇن ئولتۇرۇپ ئۇخلايدۇ، يېتىپ ئىشلەيدۇ.
- 24ھورۇن ئېشەكنىڭ يۈكى ئېغىر.
- 25ھورۇن كۈندۈزى يۇلتۇز كۆرەر، ئايدىڭدا پېشانىسى كۆيەر.
- 26ھورۇنغا ئېتىزنىڭ قىرى تاغ كۆرۈنەر.
- 27ھورۇنغا ھويلىدىكى سۇمۇ يىراق.
- 28ھورۇننى ئىشقا بۇيرىساڭ، ئاتاڭدىن ئارتۇق ئەقىل كۆرسىتەر.
- 29ھورۇننىڭ ئېتىمۇ ھارغاق كېلىدۇ.
- 30ھورۇننىڭ غەيرىتى ئىش تۈگىگەندە كېلەر.
- 31ھورۇننىڭ ھۈنىرى ئۇيقۇ.
- 32ھوسۇلۇڭ كەم بولسا ھاۋادىن كۆرمە.
- 33ھوشيار بولساڭ ئاپەت كۆرمەيسەن.
- 34ھويلامنىڭ تېمى يوق، دەرۋازام قۇلۇپلاقلىق.
- 35ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ، ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
- 36ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت كۆرىسەن.
- 37ھۆپۈپنىڭ تۇمشۇقى ئۇزۇن، سېغىزخاننىڭ قۇيرۇقى.
- 38ھۈنەر تۈگىمەس گۆھەر.
- 39ھۈنەر-ھۈنەردىن بەرىكەت ئۈنەر. «ھۈنەر-قىلسا ئۈنەر». ھۈنىرى يوق ئەردىن مىكيان ياخشى.
- 40ھۈنەر، قىلسا ئۈنەر.
- 41ھۈنەرلىك ئادەم خار بولماس.
- 42ھۈنەرلىك ئادەم- مېۋىلىك دەرەخ.
- 43ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس، دوست-دۈشمەنگە رازى بولماس.
- 44ھۈنەرۋەن باي بولماس، قورسىقىنى ئاچ قويماس.
- 45ھېساپتا بار، ھەمدەمدە يوق.
- 46ھېيىتتا خوتۇن ئالما، يامغۇردا ئات.
- 47ھېيىتتا قويمىغان ئوسماڭنى، ھېيىتتىن كېيىن كاساڭغا قوي.
- 48ھەر ئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم.
- 49ھەر ئۆينىڭ مورىسى باشقا.
- 50ھەر كاللىدا بىر خىيال، تار كاللىدا مىڭ خىيال.
- 51ھەر گۈلنىڭ پۇرۇقى باشقىچە.
- 52ھەركىشى ئۆز غېمىدە، كور كىشى كۆز غېمىدە.
- 53ھەركىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆلەيدۇ.
- 54ھەركىم بارغا باتۇر.
- 55ھەركىم قىلسا ئۆزىگە، توپا تىقىلار كۆزىگە.
- 56ھەركىمنىڭ ئېغىزىنى ئىككى پۇتى كۆتۈرىدۇ.
- 57ھەركىمنىڭ دەردى ئۆزى ئۈچۈن تۆگىدىن يوغان.
- 58ھەركىمنىڭ نىيىتى ئۆزىگە ھەمراھ.
- 59ھەركىمنىڭ چىرىغىنىڭ يورۇغى ئۆزىگە چۈشەر.
- 60ھەركىمىڭ ئۆزىگە، ئاي كۆزۈنەر كۆزىگە .