ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

دوست ۋە دۈشمەن

85 ماقال

  1. 1ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە، ئېتىڭ باردا يول.
  2. 2ئاغزى ئىتتىكنىڭ دوستى ئاز.
  3. 3ئوتنى سەل چاغلىسا كۆيدۈرىدۇ، دۈشمەننى سەل چاغلىسا ئۆلتۈرىدۇ.
  4. 4ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچەر، قوشناڭنى كوچىلىساڭ كۆچەر.
  5. 5ئوغرىنىڭ دوستى يانچۇقچى.
  6. 6ئوغلۇڭ ئۆسسە ئۇلۇغلار بىلەن قوشنا بول، قىزىڭ ئۆلسە خىللىقلار بىلەن قوشنا بول.
  7. 7ئوڭ كۆزۈڭ سول كۆزۈڭگە دۈشمەن.
  8. 8ئىت بىلەن ئاغىنە بولساڭ، قولۇڭدىن تاياق چۈشمىسۇن.
  9. 9ئىت بىلەن يولداش بولساڭ، قولۇڭدىن تاياق چۈشمىسۇن.
  10. 10ئىنسانغا دوستلۇق، ئۆمۈرگە ياشلىق.
  11. 11ئۆزۈڭ نېمە يېسەڭ، دوستۇڭغا شۇنى قوي.
  12. 12ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
  13. 13ئۆي ئالما، قوشنا ئال.
  14. 14ئۆيۈڭدىكى ئەھۋالنى قوشناڭدىن سورا.
  15. 15ئۇيانغا باق، بۇيانغا باق، ئەتىگەن تۇرۇپ قوشناڭغا باق.
  16. 16ئەقىل دوست، نادان دۈشمەن.
  17. 17ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، نادان دوستىنى.
  18. 18ئەقىللىق دوستىنى ماختار، ئەخمەق خوتۇنىنى.
  19. 19ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن، دوستسىز قالار.
  20. 20باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر.
  21. 21بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مېڭىپ يولداش.
  22. 22بىر كۆرگەن تونۇش، ئىككى كۆرگەن دوست.
  23. 23بىر كۈنلۈك يولداشقا، قىرىق كۈن سالام.
  24. 24بىشەم خوتۇن بەش كۈنلۈك، بېزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك.
  25. 25بۆرە دوستىغا قەست قىلماس.
  26. 26تۈلكىنىڭ تېرىشى ئۆزىگە دۈشمەن.
  27. 27تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەن.
  28. 28جان دوستۇڭ جېنىدىن كېچەر، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس.
  29. 29خوتۇنۇڭنىڭ قانداقلىقىنى بىلەي دېسەڭ، قوشناڭ بىلەن ئۇرۇشقاندا قاراپ تۇر.
  30. 30دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.
  31. 31دوست بول، سىرىنى بىل.
  32. 32دوست كۆپ، توغرىسى ئاز.
  33. 33دوست كەينىڭدىن ماختار، دۈشمەن ئالدىڭدا.
  34. 34دوست چىللىسا قالما، دۈشمەن چىللىسا بارما.
  35. 35دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  36. 36دوستقا ئىناق بول، دۈشمەنگە يىراق.
  37. 37دوستقا دوست كېرەك، ھېساپقا دۇرۇس كېرەك.
  38. 38دوستنىڭ ئاتقان تېشى باشنى يارماس.
  39. 39دوستنىڭ دوستلۇقى، باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
  40. 40دوستنىڭ كونىسى ياخشى، چاپاننىڭ يېڭىسى.
  41. 41دوستۇڭ ئۈچۈن زەھەر يۇت.
  42. 42دوستۇڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق.
  43. 43دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  44. 44دوستۇڭغا دەرد كەلسە، دۈشمىنىڭنىڭ تويى بولار.
  45. 45دۈشمەن تاش سانىسا، خەلق قۇم سانايدۇ.
  46. 46دۈشمەن قاچقاندىن كېيىن باتۇر كۆپىيەر.
  47. 47دۈشمەن قەستلەر، دوست قۇتۇلدۇرار.
  48. 48دۈشمەننى ئۆيۈڭگە يوللاتما، قارىياغاچنى بېغىڭغا.
  49. 49دۈشمەنگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.
  50. 50زەرنىڭ دوستى تولا، زەگەرنىڭ دۈشمىنى.
  51. 51ساختا دوست، ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
  52. 52سودىدا دوست يوق.
  53. 53سەھراغا چىقسا ئېشىكىنى تونۇمايدۇ، شەھەرگە كىرسە دوستىنى.
  54. 54قاسساپ دوستىغا سۆڭەك بېرەر.
  55. 55قوشنا بولساڭ يۆلەك بول، بولمىسا بۆلەك.
  56. 56قوشناڭ ساڭا باقمىسا، سەن قوشناڭغا باق.
  57. 57قوشناڭ كەلسە ئاشقا، چىرايىڭ بولمىسۇن باشقا.
  58. 58قوشناڭ يىغلىغاندا، سەن كۈلمە.
  59. 59قىشنىڭ ئاپتىپى دۈشمەننىڭ كۈلكىسىچىلىك.
  60. 60كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس، مەيدە ئاغرىتقان ئاش.
دوست ۋە دۈشمەن ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى