ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

بۆرە دوستىغا قەست قىلماس.

Latin · ULY
Böre dostigha qest qilmas.
Кирил · USY
Бөрә достиға қәст қилмас.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  2. 2دوستقا دوست كېرەك، ھېساپقا دۇرۇس كېرەك.
  3. 3دۈشمەن قەستلەر، دوست قۇتۇلدۇرار.
  4. 4پۇل بار چاغدا مىڭ دوست، پۇل تۈگىگەندە قېنى دوست.
  5. 5دوستنىڭ دوستلۇقى، باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
  6. 6ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  7. 7چىدىغان بۆرە گۆش يەيدۇ، چىدىمىغان بۆرە يۇڭ.
  8. 8پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش