ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت
12 ماقال
- 1ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش،خوتۇن ئالساڭ يىل.
- 2ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە.
- 3بىرلىك بولماي، تىرىكلىك بولماس.
- 4دۆتكە نەسىھەت كار قىلماس، قارىغا سوپۇن.
- 5كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە.
- 6كەڭ تون يىرتىلماس، كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس.
- 7مىڭلىققا بۆرە تەگسە، بىرلىككە پىچاق ئېلىپ يۈگۈرەر.
- 8مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
- 9مەسلىھەتنى دوستۇڭغا سال، كېڭىشىشنى ئۆزۈڭ قىل.
- 10نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق.
- 11پۇختا ئىشتىن كاۋاك چىقماس، يەككە قولدىن چاۋاك.
- 12چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ.