ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 1«ئېلىپ»نى تاياق دېيەلمەپتۇ، «مىم»نى چوماق..
  2. 2«ئېيت،ئېيت»دېسە، ئاتىسى ئېسىدىن چىقىپتۇ.
  3. 3«تۇر،تۇر» كۆپ بولسا، ئۇيقۇدا مەززە يوق.
  4. 4«سادىق» دەپ ئىسىم قويسا، «تۈلكە» دەپ لەقەم ئالدى.
  5. 5ئابدالدا ئۇيات يوق، كېپەكتە قۇۋۋەت يوق.
  6. 6ئابدالغا كەپسەن بەرسە، تارازاڭ بارمۇ دەيدۇ.
  7. 7ئابرۇينى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولماس.
  8. 8ئابرۇيىڭنى ئالتۇنغا ئال، جاننى كېپەككە سات.
  9. 9ئابرۇيىڭنى باشلىقىتىن ساقلا، چاپىنىڭنى يېڭى چېغىدىن.
  10. 10ئات ئازسا،تايغا ئەگىشەر.
  11. 11ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش،خوتۇن ئالساڭ يىل.
  12. 12ئات ئالساڭ بويىنى كۆر،خوتۇن ئالساڭ خۇيىنى.
  13. 13ئات ئالساڭ مىنىپ كۆر، چېنە ئالساڭ چېكىپ.
  14. 14ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن.
  15. 15ئات ئايلىخانغا،يول سارىخانغا.
  16. 16ئات ئايلىغان ئات مىنەر، كىيىم تاللىغان تون كىيەر.
  17. 17ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپار.
  18. 18ئات ئايىغىنى تاي باسار.
  19. 19ئات ئورنىغا ئېشەك باغلىما.
  20. 20ئات ئورۇقلۇقتا بۇزۇلار، خوتۇن غېرىبلىقتا.
  21. 21ئات ئۆلسە ئىتنىڭ تويى بولار.
  22. 22ئات ئۆلسە ئېگىرى قالار، ئادەم ئۆلسە ئىسمى.
  23. 23ئات ئېگەردىن پەس ئەمەس.
  24. 24ئات ئەر كىشىگە قانات.
  25. 25ئات باشلىمىغاننىڭ پوردىقى چوڭ، ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى.
  26. 26ئات تاپقۇچە ئېگەر تاپ.
  27. 27ئات تەپكىنى ھار ئەمەس،ئېشەكنىڭ تەپكىنى ھار.
  28. 28ئات كىشنىشىپ تېپىشار، ئادەم سىردىشىپ.
  29. 29ئات كىشنەشكۈچە، ئادەم سۆزلەشكۈچە.
  30. 30ئات كەينىگە مىنگەشمە، مىنگەشكەندىن كېيىن ۋاي دېمە.
  31. 31ئات كەينىگە مىنگەشمە،مىنگەشكەندىن كېيىن ئۈندەشمە.
  32. 32ئات مىنىپ ئاتامغا باقمىدىم.
  33. 33ئات يوق يەردە ئېشەكمۇ ئات.
  34. 34ئات يۆتەلسە ئوقۇر سال، كالا يۆتەلسە پىچاق.
  35. 35ئات ھېرىپ قالسا بىر پىچاق، ئېشەك ھېرىپ قالسا بىر چۆچەك قوناق.
  36. 36ئاتا ئۆلمەي ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
  37. 37ئاتا بولمىغان ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
  38. 38ئاتا كەسىپ بالىغا مىراس.
  39. 39ئاتا كەسپىنى تاشلىغان، پىشانىسىنى قاشلىغان.
  40. 40ئاتا-ئانا چۈمۈلىدەك يىغىدۇ، بالىلار توخۇدەك چاچىدۇ.
  41. 41ئاتا-ئاناڭنى بېشىڭدا كۆتۈر، بالىلىرىڭنى قولۇڭدا.
  42. 42ئاتالمىغان ئوقىدىن كۆرىدۇ، چىچالمىغان پوقىدىن.
  43. 43ئاتام تاپقان-بىكار پۇل، ئۆزۈم تاپقان-شېكەر پۇل.
  44. 44ئاتامدا بولغۇچە، ئالقىنىمدا بولسىچۇ.
  45. 45ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى، چەلپىكىنى ئىتلار تالاشتى.
  46. 46ئاتامنىڭ تاپقىنى ئانامنىڭ بارىكاللىسىغا يەتمەيدۇ.
  47. 47ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە، ئېتىڭ باردا يول.
  48. 48ئاتاڭ كىم بولسا، سەن شۇنىڭ ئوغلى.
  49. 49ئاتاڭ مىراب بولغۇچە، يېرىڭ باشقا بولسۇن.
  50. 50ئاتاڭدىن دۇنيا قالغۇچە، ھۈنەر قالسۇن.
  51. 51ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
  52. 52ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغۇچە، ئەلنىڭ بالىسى بول.
  53. 53ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ، ئېگەر توقۇمدىن ئايرىلما.
  54. 54ئاتتىن چۈشسە، ئۈزەڭگدىن چۈشمەس.
  55. 55ئاتقا ئېگەر كېرەك، ئېگەرگە ئەر.
  56. 56ئاتقا مىنگەشمە مىنگەشكەندىن كېيىن ۋاي دېمە.
  57. 57ئاتقان ئوق يېنىپ كەلمەس.
  58. 58ئاتقان يەردە ئوق قالىدۇ، چىچقان يەردە پوق.
  59. 59ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە، پىيادە بىللە ماڭ.
  60. 60ئاتنى ئوقۇردا باق، ناننى تونۇرغا ياق.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى