ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

تىل ۋە سۆز

184 ماقال

  1. 1ئات كىشنەشكۈچە، ئادەم سۆزلەشكۈچە.
  2. 2ئاتىلار سۆزى ئەقىلنىڭ كۆزى.
  3. 3ئادىل سۆز ئەقىلنىڭ تارازىسى.
  4. 4ئادەم بالىسى باقساڭ، ئېغىز-بۇرنۇڭنى قان ئېتەر.
  5. 5ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن.
  6. 6ئادەم تەمى سۆز بىلەن.
  7. 7ئادەمنى گەپ بىلەن ئالدايدۇ، قۇشنى يەم بىلەن.
  8. 8ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلا، ئاز يەپ كۆپ چاينا.
  9. 9ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە.
  10. 10ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن، ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن.
  11. 11ئاغزىڭ گەپتە بولسىمۇ، قولۇڭ ئىشتا بولسۇن.
  12. 12ئالغاننىڭ قولى يۇمشاق، يېگەننىڭ تىلى.
  13. 13ئاياغ يۈگۈركى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا.
  14. 14ئاچچىقنىڭ دورىسى سۈكۈت.
  15. 15ئاڭلىغان سۆزنىڭ ئىگىسى يوق.
  16. 16ئاۋۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە.
  17. 17ئوت بىلەن سۇ تىلسىز يىغا.
  18. 18ئوتتۇز چىشتىن چىققان سۆز، ئوتتۇز ئەلگە تاارپتۇ.
  19. 19ئوتقا كەلگەن خوتۇننىڭ ئوتتۇز ئېغىز گېپى بار.
  20. 20ئويلسام دىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىسەم تىلىم.
  21. 21ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە.
  22. 22ئىش قىلىشقا بېلى بوش، گەپ قىلىشقا ئاغزى بوش.
  23. 23ئۆتكۈر سۆز-ئاتقان ئوق.
  24. 24ئۆلۈك چىققان ئۆيدە، ئۈچ كۈنگىچە سۆز-چۆچەك.
  25. 25ئۆلۈكنىڭ كۆزى يامان، ئۇرۇشقاقنىڭ سۆزى.
  26. 26ئۆيدىكى گەپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ.
  27. 27ئۆچكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھويت-ھويت.
  28. 28ئۇزۇن گەپ ئۆزىنى ئۇرار، ئۇزۇن چاپان پۇتنى.
  29. 29ئۈزۈككە كۆز كېرەك، قىزغا سۆز.
  30. 30ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلار، ئۇيالساڭ سۆزڭنى.
  31. 31ئېغىز ئېغىزدىن قالماس.
  32. 32ئېغىز يېسە، يۈز ئۇيىلار.
  33. 33ئېغىز-ئايغاق، تىل تايغاق.
  34. 34ئېغىزدىن چىققان سۆز، يەرگە سېپىلغان سۇ.
  35. 35ئېغىزنىڭ نوختىسى يوق، تىلنىڭ سۆڭىكى.
  36. 36ئېيىتقان سۆز ئاتقان ئوق.
  37. 37ئەخمەق بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشقا ئەخمەقلىق كېرەك.
  38. 38ئەرنىڭ ئۆزى ئەمەس، سۆزى.
  39. 39ئەرنىڭ سۆزى بىر بولار.
  40. 40ئەقلى بارغا بىرلا سۆز كۇپايە.
  41. 41ئەقىللىق دوستىنى ماختار، ئەخمەق خوتۇنىنى.
  42. 42ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ، ئويلاپ كۈلىدۇ، نادانغا گەپ قىلساڭ، ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
  43. 43ئەل بار يەردە، گەپ بار.
  44. 44باتۇرنى مەيداندا سىنا، سۆزمەننى دەۋادا.
  45. 45باش تىل تارازىسىىدا تارتىلىدۇ.
  46. 46باشتا سۆز بولسا، ئايىغىدا گەپ بولىدۇ.
  47. 47بالىنى بۇزغۇڭ كەلسە ماختا.
  48. 48باي مېلىنى سۆزلەر، گاداي مۇڭىنى.
  49. 49بىر ئېغىزدىن چىققان سۆز، مىڭ ئېغىزغا يېيىلار.
  50. 50بىر سۆز بىلەن ئەر ئۆلمەس.
  51. 51بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مېڭىپ يولداش.
  52. 52بىر چوڭنىڭ سۆزىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ.
  53. 53بىر ھارغانغا گەپ قىلما، بىر ئاچقانغا.
  54. 54بىزنىڭكىگە كەلسەك يەپلا، سېنىڭكىگە بارسام گەپلا.
  55. 55بىلمىگەنگە ياخشىلىق قىلما، تىڭشىغانغا سۆز.
  56. 56بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى؟
  57. 57بېشىڭ نەدىن كېتەر-تىلىڭدىن.
  58. 58بەش بارماق ئېغىزغا سىغماس.
  59. 59تاتلىق تىل يىلاننى ئىنىدىن چىقىرىدۇ.
  60. 60تاياق گۆشتىن ئۆتەر، تىل سۆڭەكتىن.
تىل ۋە سۆز ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى