ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
بىلىم ۋە ئەقىل
100 ماقال
- 1ئاتا ئۆلمەي ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
- 2ئاتا بولمىغان ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
- 3ئاتىلار سۆزى ئەقىلنىڭ كۆزى.
- 4ئادىل سۆز ئەقىلنىڭ تارازىسى.
- 5ئادەم بالىسىنىڭ باھاسى بىلىم بىلەن.
- 6ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل.
- 7ئاغرىمىغان ساقلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
- 8ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز.
- 9ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل، كالا سۈتى بىلەن كىرمەس.
- 10ئاي كۈندە كېرەك، ئەقىل كۈندە.
- 11ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگۈچە ئاتنىڭ قەدرىنى.
- 12ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس، كېسەلنىڭ دەردىنى ساق.
- 13ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە.
- 14ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ.
- 15ئاچچىق كەلگەندە ئەقىل قاچىدۇ.
- 16ئوقۇغان ئۇزار، ئوقۇمىغان توزار.
- 17ئىش بىلمەس كەشتىچى بوپتۇ. ئاش بىلمەس ئۈگرىچى.
- 18ئىلىمسىز ئادەم مېۋىسىز دەرەخ.
- 19ئىلىملىك نۇر، ئىلىمسىز خور.
- 20ئۆزىنى بىلگەن خار ئەمەس.
- 21ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگۈچە قالماس.
- 22ئۆگەنگەن كۆڭۈل ئۈجمە پىشقۇچە.
- 23ئۇستاز ئۇنتۇلماس.
- 24ئېشەك بىلمەس تۆشەك قەدرىنى، مۈشۈك بىلمەس سۆڭەڭ قەدرىنى.
- 25ئەجەل كەلسە، ئەقىل ئادىشار.
- 26ئەخمەق ئۆتۈكنىڭ تېشىدىن قاشلار.
- 27ئەخمەق ئەلچى ئىككى تەرەپنى بۇزار.
- 28ئەخمەق بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشقا ئەخمەقلىق كېرەك.
- 29ئەخمەق كۈندۈزى چىراغ ياقىدۇ، يېغى تۈگەپ كېچىىسى ئايغا باقىدۇ.
- 30ئەخمەققە قىز كۆرسەتمە، موزايغا سۈت.
- 31ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.
- 32ئەخمەقنى ئە يىبلىمەي ئىشقا سال.
- 33ئەخمەقنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن.
- 34ئەخمەقنىڭ چوڭ -كىچىكى يوق.
- 35ئەر قېرىسا قويغىنىنى بىلمەس، خوتون قېرىسا تويغىنىنى .
- 36ئەقىل بولمىسا، كۆز دېگەن تام تۆشۈكى.
- 37ئەقىل توزۇماس، بىلىم خورىماس.
- 38ئەقىل دوست، نادان دۈشمەن.
- 39ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا.
- 40ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق.
- 41ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، ئەقىلسىز ئۆزگىنى.
- 42ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، نادان دوستىنى.
- 43ئەقىللىق ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئەخمەق چۈشىگە.
- 44ئەقىللىق دوستىنى ماختار، ئەخمەق خوتۇنىنى.
- 45ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ، ئويلاپ كۈلىدۇ، نادانغا گەپ قىلساڭ، ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
- 46ئەيىبنى يوشۇرغان ئەخمەق.
- 47بالا قۇش ئۇچۇشنى بىلەر، قونۇشنى بىلمەس.
- 48بايدىن ئەمەلدار چىقسا، كەمبەغەلدىن دانا چىقار.
- 49بىلكى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى.
- 50بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي- چوڭقۇرى تولا.
- 51بىلمىگەنگە ياخشىلىق قىلما، تىڭشىغانغا سۆز.
- 52بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، سورىماسلىق ئەيىب.
- 53بىلىم ئەقلنىڭ چىرىغى.
- 54بىلىمسىزلىك نامراتلىقتىن يامان.
- 55بىلىمسىزگە ئىش يوق، ئىشسىزغا ئاش.
- 56بىلىمسىزگە ھال ئېيىتقۇچە، ئىچىڭگە سىڭىپ كەتسۇن.
- 57بىلىملىكنىڭ كۆزىدە ئالەم، بىلىمسىزنىڭ كۆزىدە مالەم.
- 58بىلگەن بىلگىىنى ئىشلەر، بىلمىگەن بارمىقىنى چىشلەر.
- 59تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
- 60خوتۇنۇڭ ئەقىللىق بولسا، كۆڭلۈڭ يورۇق بولار.