ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان
120 ماقال
- 1ئاتنى ئوقۇردا باق، ناننى تونۇرغا ياق.
- 2ئادەم قىچقارسا بارمايمەن، ئاش قىچقارسا قالمايمەن.
- 3ئاسقۇدا گۆشى بولسا، بىر كۈنى مېھمانغا يارار.
- 4ئاش بەرگەنگە مۇشت بېرىپتۇ.
- 5ئاش قەدرىنى بىلمىسەڭ، ئاچلىق بەرسۇن جاجاڭنى.
- 6ئاش كەلسە ئاغزىڭنى ئاچ، سۇ كەلسە سۈڭگۈچۈڭنى.
- 7ئاشتىن يامانلىغان تاۋاق چاقىدۇ.
- 8ئاشقا تەييار، ئىشقا ھەييار.
- 9ئاشنى باداڭدىن سورا ، ئىشنى كاداڭدىن.
- 10ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە.
- 11ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن، ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن.
- 12ئالتە كۈنلۈك مېھمان.
- 13ئاياغ يۈگۈركى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا.
- 14ئاچ قالغان تاماق تاللىمايدۇ.
- 15ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگۈچە ئاتنىڭ قەدرىنى.
- 16ئوينىمايدىغان جۇۋان يوق، قاينىمايدىغان قازان.
- 17ئىش بار يەردە ئاش بار.
- 18ئىش بىلمەس كەشتىچى بوپتۇ. ئاش بىلمەس ئۈگرىچى.
- 19ئىش ۋاقتىدا ھەييار، ئاش ۋاقتىدا تەييار.
- 20ئىشى يوقنىڭ ئېشى يوق.
- 21ئىككى ئۆينىڭ قۇرغۇنى بىر ئۆيگە ئاش بولار.
- 22ئىككى قوچقارنىڭ بېشى، بىر قازاندا قاينىماس.
- 23ئىككى نان تاپسا بىرىنى داپ چالىدۇ.
- 24ئۆتۈكى يىرتىق تۆرگە چىقالماس، يېڭى يىرتىق ئاش يېيەلمەس.
- 25ئۆز كۈچىگە تايىنىپدىن نان تاپساڭ، كوچىغا چىقىپ يە.
- 26ئۆيۈمدە بىر نان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى.
- 27ئۇن-ماي ھەر ئۆيدە بار، ياخشى تاماق بىر ئۆيدە.
- 28ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ.
- 29ئۇياتسىز خوتۇن-تۇزسىز ئاش.
- 30ئۇياتسىز مۈشۈككە، قازاننىڭ ئېشى ئوچۇق.
- 31ئېشى يارىسا قاچىسىغا قارىما، قىزى يارىسا ئانىسىغا.
- 32ئەزرائىل جان دېسە، بەش بالا نان دەيدۇ.
- 33باشتا سۇ بولسا، ئاياغدا نان بولىدۇ.
- 34بالا بەش، نان ئۈچ.
- 35بولىدىغان ئاش كۆكىدىن مەلۇم.
- 36بىرتال باش، بىر قوشۇق ئاش.
- 37بىلىمسىزگە ئىش يوق، ئىشسىزغا ئاش.
- 38بېخىل بايدىن نان چىقماس، ئۆلۈك مالدىن قان.
- 39بېخىلدىن نان سورىغىنىڭ جان سورىغىنىڭ.
- 40بېخىلدىن پۇل ئالماق، پېتىر ناندىن قىل ئالماق.
- 41بېخىلغا « نان» دېسە، « جان»دەپ ئاڭلىنار.
- 42بېخىلنىڭ ئېشى پىشماس.
- 43بېشى يوقنىڭ ئېشى يوق.
- 44بېلى ئاغرىمىغاننىڭ نان يېيىشىگە باق.
- 45بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.
- 46تار يەردە ئاش يېگۈچە، كەڭ يەردە مۇش يە.
- 47تاش ئاتقانغا ئاش ئات.
- 48تاۋار داستىخان، قۇرۇق ئۇستىخان.
- 49تىلى يۇمشاق ئاش يەر، تىلى قاتتىق مۇشت.
- 50تۆشۈك يىرتىقدىن كۈلەر، چۆمۈچ قازاندىن.
- 51تۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان ئاغرىقنىڭ ئۆلگىنى ياخشى.
- 52تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
- 53تەييار ئاشقا ئېغىز كۆپ.
- 54جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان.
- 55جاننى ئېلىپ قاچقان يول تاللىماس، قورسىقى ئاچقان نان تاللىماس.
- 56دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
- 57دەشنەم يېگىنىم، بەش نان يېگىنىم.
- 58رازى بولمىغان ئاش قورساق ئاغرىتىدۇ.
- 59زېڭىدا زاڭ كۆرمىگەن، چۈشىدە نان.
- 60ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماس.