ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ك» ھەرپى
174 ماقال
- 1كاسىپ قېرىسا، ھۈنىرىمۇ قېرىيدۇ.
- 2كاككۇك ئۆز ئىسمىنى قىچقىرار.
- 3كالا ئۆلسىمۇ، كۆزىنىڭ ئالىسى ئۆلمەس.
- 4كالاڭ ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار.
- 5كاللا ئۈتلەپ قۇلاق يەپتۇ، پاچاق ئۈتلەپ تۇياق.
- 6كاللىنىمۇ يېمە، چىشىنىمۇ چاقما.
- 7كالىلار سۇ ئىچسە، موزايلار مۇز يالايدۇ.
- 8كالىنى ساتقاندا ماختا، سۈتىنى ساغقاندا.
- 9كالىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇيىقى سىرقىرايدۇ.
- 10كالىنىڭ گۆشى بىر كۈن، سۈتى ھەر كۈن.
- 11كان قازغان بايلىق تاپار، سۆز قازغان يامانلىق.
- 12كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن، زىخمۇ كۆيمىسۇن.
- 13كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنار.
- 14كونا ئۇستىخاننى ئىت غاجىماس.
- 15كونا بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ياخشى.
- 16كونا گەپ قۇلاققا ياقماس.
- 17كونىنى ياماپ كىي، يېڭىنى ئاياپ.
- 18كىرىشتىن ئاۋۋال چىقىشنى ئويلا.
- 19كىشى قايغۇسى ئېتەككە، ئۆز قايغۇسى يۈرەككە.
- 20كىشىدىكى پۇل چۈشىدىكى پۇل.
- 21كىشىدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر.
- 22كىشىنىڭ ئاغزىغا قارىغان ئاچ قالار.
- 23كىشىنىڭ ئون «ھە-ھۇ» سىدىن، ئۆزىنىڭ بىر غەيرىتى ياخشى.
- 24كىشىنىڭ ئىشىغا تومۇزدا قول توڭلار.
- 25كىشىنىڭ ئېتى ئات ئەمەس، ئىككى پۇتۇم يات ئەمەس.
- 26كىشىنىڭ ئېشىنى يېسەڭ تىلىڭ قىسقىرايدۇ.
- 27كىشىنىڭ ئەيىبىنى ماڭا دېگەن كىشى ، مېنىىڭ ئەيىبىمنى كىشىگە دەر.
- 28كىشىنىڭ تىلىغا ئەمەس، دىلىغا قارا.
- 29كىشىنىڭ تۈگمىدەك ئەيىبى كۆرۈنەر، ئۆزىنىڭ تۆگىدەك ئەيىبى كۆرۈنمەس.
- 30كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپتۇ.
- 31كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.
- 32كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.
- 33كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
- 34كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قولىدا.
- 35كىشىگە قىلساڭ يامانلىق، ساڭىمۇ يوقتۇر ئامانلىق.
- 36كىشىگە كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشەر.
- 37كىمنى سۆيسەڭ، شۇ چىرايلىق.
- 38كىمنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدىسەڭ، شۇنىڭ ناخشىسىنى ئېيىت.
- 39كىيمنى يامىغىلى بولار، قورساقنى يامىغىلى بولماس.
- 40كىيىمڭگە قاراپ قارشى ئالىدۇ، ئەقلىڭگە قاراپ ئۇزىتىدۇ.
- 41كىچىككىنە تاش يارىدۇ باش.
- 42كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال.
- 43كۆرسە ھالى يوق، كۆرمىسە كارى يوق.
- 44كۆرمىدىم دېسەڭ مىڭ بىر سۆز، كۆردۈم دېسەڭ مىڭ بىر سۆز.
- 45كۆرمەككە بار، يېمەككە يوق.
- 46كۆرمەي تۇرۇپ ئاق دېمە، سىنىماي تۇرۇپ ساق.
- 47كۆرگەن ئاڭلىغاننى يېڭىپتۇ.
- 48كۆرۈنمەيدىغان قىر يوق، ئېچىلمايدىغان سىر.
- 49كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس.
- 50كۆز دېگەن كامار نېمە، كۆرمىسە بىكار نېمە.
- 51كۆز قورققاق، قول باتۇر.
- 52كۆز كىچىك بولسىمۇ، كۆرىدىغىنى كەڭ.
- 53كۆز كۆرمەي، كۆڭۈل سۆيمەس.
- 54كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق.
- 55كۆزى توقنىڭ ئۆزى توق.
- 56كۆزى تويماسنىڭ غېمى تۈگىمەس.
- 57كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق.
- 58كۆزۈم قارىغۇ، قولىقىم ساغىرۇ.
- 59كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى تارت، قورسىقىڭ ئاغرىسا نەپسىڭنى.
- 60كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغان يالغان.