ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«پ» ھەرپى

76 ماقال

  1. 1پاختەكتە بار كۆڭۈل، تۇرالغىدا يوقمۇ؟
  2. 2پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.
  3. 3پادىدىن ئايرىلغاننى بۆرە يەر.
  4. 4پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار.
  5. 5پادىشاھ مەست بولسا، دۆلىتى غەرىق بولۇر.
  6. 6پادىشاھلىق ئەل بىلەن، تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن.
  7. 7پادىشاھنىڭ كۆزىدە بولغۇچە، كۆڭلىدە بول.
  8. 8پادىچى ئىككى بولسا، ئارىدا توقلا ئۆلەر.
  9. 9پاراسەتسىز پالاكەتكە يولۇقار.
  10. 10پارقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس.
  11. 11پاقا ئۆكۈز بىلەن تەڭ بولىمەن دەپ، يېرىلىپ كېتىپتۇ.
  12. 12پاقا بىر سەكرەر، ئىككى سەكرەر، ئۈچۈنچىسىدە ئورنىغا چۈشەر.
  13. 13پاقا سوزۇلۇپ يىلان بولالماس، موماي ياسىنىپ جۇۋان.
  14. 14پاقىنى دەسسىسە« ۋاق»دەيدۇ.
  15. 15پاكار ئېشەككە ھەركىم مىنەر.
  16. 16پالتا تەگمىگەن ياغاچ بولماس.
  17. 17پالتا چۈشكۈچە ئۆتەك دەم ئاپتۇ.
  18. 18پالتاڭنى ئېلىپ تاغقا يۈر، سېۋىتىڭنى ئېلىپ باغقا.
  19. 19پالتىدىن زۇۋان كەپتۇ، قاتىلدىن ئىمان.
  20. 20پالتىنىڭ چۇلدىسىدا ئوتۇن يېرىپتۇ.
  21. 21پالچىدا داڭگال تولا، شائىردا خىيال.
  22. 22پالچىغا ئىشەنمە، پالسىز يۈرمە.
  23. 23پايدا بىلەن زىيان بىر تۇغقان.
  24. 24پايدىسى يوق ئوغرىنىڭ، گۇندىدا تۇرغىنى زىيان.
  25. 25پايدىنى كۆرسە بۈرگىدەك چاققان، زىياننى كۆرسە كىرپىدەك ياتقان.
  26. 26پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن ياپقىلى بولماس.
  27. 27پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا ساپتۇ.
  28. 28پىتنە-پاساتنىڭ پۇتى قىسقا، يولسىزنڭ تىلى.
  29. 29پىشمىغان ئاشتىن خام كاۋاپ ياخشى.
  30. 30پىل تۆشۈكتىن قورقىدۇ، چاشقان مۈشۈكتىن.
  31. 31پىلانسىز ئىش، قېلىپسىز خىش.
  32. 32پىلنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
  33. 33پىلنىڭ ئۆمرىگە چىشىنىڭ قىممىتى سەۋەپچى.
  34. 34پىيازنىڭ پوستى تولا، ئەخمەقنىڭ دوستى.
  35. 35پىچاق تاشقا بىلىنىدۇ، ئادەم ئىشىتا سىنىلىدۇ.
  36. 36پىچاق دەستىسىنى كەسمەيدۇ.
  37. 37پىچاق گۆشكە ماڭار، سۆڭەككە ماڭماس.
  38. 38پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا كىشىگە.
  39. 39پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا.
  40. 40پۇت پۇتقا ھەمراھ، قول قولغا.
  41. 41پۇتالمىغان ياغاچ پۇتاقلىق.
  42. 42پۇتتىن يىقىلغان تۇرار، تىلىدىن يىقىلغان تۇرالماس.
  43. 43پۇتقا تاپسا باشقا يوق، باشقا تاپسا پۇتقا.
  44. 44پۇتى ئۆيگە كىرگۈچە، كەشى تۆرگە چىقىپتۇ.
  45. 45پۇتۇڭنىڭ توغۇرلىقىغا قارىما، يولنىڭ توغۇرلىقىغا قارا.
  46. 46پۇختا ئىشتىن كاۋاك چىقماس، يەككە قولدىن چاۋاك.
  47. 47پۇقاقنىڭ ئۈستىگە سۆگەل چىقىپتۇ.
  48. 48پۇل ئالدىدا ئېزىقما، مەنسەپ ئالدىدا قىزىقما.
  49. 49پۇل ئەجەلگە داۋا بولماس.
  50. 50پۇل ئەقىل ئۆگىتەر، تون مېڭىشنى تۈزىتەر.
  51. 51پۇل بار چاغدا مىڭ دوست، پۇل تۈگىگەندە قېنى دوست.
  52. 52پۇل بايغا ئاقىدۇ، سۇ سايغا.
  53. 53پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا.
  54. 54پۇل تېپىۋالساڭ سانىۋال.
  55. 55پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
  56. 56پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى
  57. 57پۇل كەتسە كەتسۇن، يۈز كەتمىسۇن.
  58. 58پۇل-مال كېتەر بوشلۇقتىن، پۇرسەت كېتەر خۇشلۇقتىن.
  59. 59پۇلسىز ئەر خوتۇنغا جىن كۆرۈنەر.
  60. 60پۇلسىز بازار تونۇماس.
«پ» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى