ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«چ» ھەرپى
60 ماقال
- 1چاشقان ئەرزىنى مۈشۈك تەستىقلىماپتۇ.
- 2چاشقان يىغار، پاقا يەر.
- 3چاشقانغا كېپەك ئالدۇرماس، قوڭغۇزغا تېزەك.
- 4چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلار.
- 5چاشقاننىڭ ئەرزى مۈشۈككە.
- 6چاقماققا ئاتنى تېگشكەن ئەخمەق.
- 7چالا تىلماچ ئادەم ئۆلتۈرەر.
- 8چاپاقنىڭ قارىغۇ ئادىشى بار.
- 9چاپان كۆيسىمۇ كۆيسۇن، قازان قاينىسۇن.
- 10چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى، دوستنىڭ كونىسى.
- 11چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىپتۇ.
- 12چاپىنى تىزىدىن ئاشماس، ئالدىنى ياپسا كەينىگە يەتمەس.
- 13چاپىنىغا قارىما، ئادىمىگە قارا.
- 14چاپىنىمىدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق.
- 15چاڭقىغانغا سۇ بەر، مۇزلىغانغا ئوت.
- 16چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ.
- 17چوڭ ئىززەت قىلسا، كىچىك خىزمەت قىلار.
- 18چوڭ بېشىنى ئاچسا، كىچىك كۆتىنى ئېچىپتۇ.
- 19چوڭ بېلىق كىچىك بېلقىنى يەر.
- 20چوڭ توقاچ پىشقۇچە، كىچىك توقاچ كۆيۈپ كېتىپتۇ.
- 21چوڭ دەرەخنىڭ سايىسى چوڭ بولىدۇ.
- 22چىدىغان بۆرە گۆش يەيدۇ، چىدىمىغان بۆرە يۇڭ.
- 23چىدىماسنىڭ نالىسى تولا، خۇشياقماسنىڭ باھانىسى.
- 24چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ.
- 25چىراي تاللىماي مىجەز تاللا.
- 26چىراي كۆيدۈرەر، خۇلۇق سۆيدۈرەر.
- 27چىرايغا قاراپ ھال سورا.
- 28چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس.
- 29چىرايلىق يۈزدە ئەمەس، سۆزدە.
- 30چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق.
- 31چىرايلىقتا ۋاپا يوق.
- 32چىرايلىقنى تاشلىساڭمۇ، قەدىناسنى تاللىما.
- 33چىرايلىقنىڭ ئاقلىقىدىن، كۆڭۈلنىڭ ئاقلىقى ئەلا.
- 34چىرايلىقنىڭ ئوتى يامان، سەتنىڭ ھالى.
- 35چىرايلىقنىڭ چىقىمى تولا.
- 36چىراينىڭ سەتلىكىگە ئەينەك گۇۋاھ ئەمەس.
- 37چىرىغىڭ قانچە بولسا، سايەڭ شۇنچە بولار.
- 38چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، كىشى كېلىپ ھال سورىماس.
- 39چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، چىش ئاغرىقىغا ئادەم ئۆلمەس.
- 40چىش چىققاندا بالىغا، چايناپ بەرگەن ئاش بولماس.
- 41چىشلەيدىغان ئىت، چىشىنى كۆرسەتمەيدۇ.
- 42چىشىمغا قارىما، ئىشىمغا قارا.
- 43چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە.
- 44چىۋىن قورىغان يەرگە قونىدۇ.
- 45چىۋىننىڭ كۆڭلى گەدەندە.
- 46چۆلدە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا خوتۇنۇڭ ئۆلمىسۇن.
- 47چۆلدە تەشنالىق يامان، يولدا يالغۇزلۇق.
- 48چۆپسىز مال-بولماس، پۇلسىز تىجارەت بولماس.
- 49چۆچۈرە يېمەكتىن مەقسەت-گۆش يېمەك.
- 50چۆگۈن قاينىسا ئۆز بوينىغا تاشار.
- 51چۈجىسى بار توخۇ ئۇچالماس.
- 52چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن، توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق.
- 53چۈجە باققان توخۇنىڭ مەيدىسىدە تۈكى يوق.
- 54چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ.
- 55چۈشلۈك ئۆمرۈڭ بولسا، كەچلىككە ئوزۇق تاپ.
- 56چۈمۈلىنىڭ پۇتىدىن ئۆگەن، قۇشقاچنىڭ تىلىدىن ئۆگەنمە.
- 57چېچەن جۇۋاننى ئوچاق بېشىدا سىنا.
- 58چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى.
- 59چېۋەر دۆت كۆرۈنەر.
- 60چەككىنى جەبىر-جاپا، ئاڭلىغىنى تەنە-تاپا.