ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

بايلىق ۋە نامراتلىق

164 ماقال

  1. 1ئابرۇينى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولماس.
  2. 2ئابرۇيىڭنى ئالتۇنغا ئال، جاننى كېپەككە سات.
  3. 3ئاتام تاپقان-بىكار پۇل، ئۆزۈم تاپقان-شېكەر پۇل.
  4. 4ئادەمنىڭ يېتى يوق، ئالتۇننىڭ دېتى.
  5. 5ئارغامچىنىڭ پۇلى تۇرۇپ تۇرسۇن، كۇلامنىڭ پۇلىنى بەر.
  6. 6ئاغرىق كۈچۈيسە جېنىڭنى ئالار، دەۋا كۈچەيسە پۇلۇڭنى.
  7. 7ئاقساق يول تالىشار، پىخسىق پۇل.
  8. 8ئالتۇن ئوتتار بىلىنەر، ئادەم مېھنەتتە.
  9. 9ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز.
  10. 10ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغۇچە، پاخمىۋاش ئاناڭ بىلەن قال.
  11. 11ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسۇن، ئالتۇن قاچىدا سۇ ئىچەرسەن.
  12. 12ئالتۇن كۆرگەندە پەرىشتە يولدىن ئېزىپتۇ.
  13. 13ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن.
  14. 14ئالتۇنلۇق ئۆيدىن كۆڭۈلنىڭ تېنىچلىقى يامان.
  15. 15ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگار بىلۇر.
  16. 16ئالتە تەڭگەم بار، ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار، قىز ئالىمەن.
  17. 17ئوتقا چىدىغان ئوينايدۇ، پۇلغا چىدىغان چاينايدۇ.
  18. 18ئوغرى ئالغان مالغا ئىگىسى سەۋەبكار.
  19. 19ئىت گادايدىن قورقىدۇ، گاداي ئىتتىن.
  20. 20ئىتتىن سۆڭەككە قەرزدار، چاشقاندىن كېپەككە.
  21. 21ئىتتىن قورققان گاداي ئەمەس.
  22. 22ئىشلەتسەم-قۇلۇم، ساتسام- پۇلۇم.
  23. 23ئىككى قاغا پوق تالاشسا، ئوۋچىغا پايدا.
  24. 24ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.
  25. 25ئۆيدىن ئۆيگە كۆچسەڭ، ئوغلاقلىق ئۆچكىگە زىيان.
  26. 26ئۆچكە تاغدا پۇل، ئۈزۈم باغدا.
  27. 27ئۇرۇق -تۇغقان يات بولماس، ئالتۇن -كۈمۈش دات.
  28. 28ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە.
  29. 29ئېشەك باينىڭ، تاغار باينىڭ، يىقىلسا يۆلىمەيمەن، ئۆلسە تۆلىمەيمەن.
  30. 30ئېشەككە ئالتۇن ئېگەر توقۇلسىمۇ، يەنىلا ئېشەك.
  31. 31ئەركىشى نامرات بولسا بولسۇن، قەرىزدار بولمىسۇن.
  32. 32ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دېسە، بەش تەڭگەمنى بەر دەپتۇ.
  33. 33ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا، نامراتقا پۇتلاش تولا.
  34. 34ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق.
  35. 35ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك.
  36. 36ئەلەڭ-سەلەڭ ئاغرىغاندىن، پۇلاڭ-سالاڭ ئۆلگەن ياخشى.
  37. 37بار پۇلۇمنى ئوغرى ئالدى، قالغىنىنى رەمچى.
  38. 38بازارنى ئاۋات قىلغان مال، ھويلىنى ئاۋات قىلغان تال.
  39. 39بازىرى چىققاننىڭ يۇندىسىمۇ پۇل.
  40. 40بالا-قازا باينىڭ يېنىغا كېلەر، كەمبەغەلنىڭ جېنىغا.
  41. 41باي بالىسى ئون بەشكە كىرسە باش، كەمبەغەل بالىسى ئوتتۇزغا كىرسىمۇ ياش.
  42. 42باي بايغا قارار، سۇ سايغا ئاقار.
  43. 43باي بولسا بۆلۈپ بەرمەس، گاداي بولسا ئۆلۈپ.
  44. 44باي بىلەن داۋالاشما، باتۇر بىلەن چېلىشما.
  45. 45باي تالقان يېگەندە يامغۇر ياغار، كەمبەغەل تالقان يېگەندە بوراق چىقار.
  46. 46باي تولا يېسە، خوردان دەيدۇ، نامرات تولا يېسە، ئوپقان دەيدۇ.
  47. 47باي قەيەردە بولسا، ۋاي شۇ يەردە.
  48. 48باي كىيسە مۇبارەك بولسۇن! كەمبەغەل كىيسە نەدىن ئالدىڭ؟
  49. 49باي مېلىنى سۆزلەر، گاداي مۇڭىنى.
  50. 50باي گۆش يېسە، قارنىغا كىرەر، كەمبەغەل گۆش يېسە چىشىغا.
  51. 51بايدىن ئەمەلدار چىقسا، كەمبەغەلدىن دانا چىقار.
  52. 52باينى مال باسىدۇ، كەمبەغەلنى بالا.
  53. 53باينىڭ ئېشىدىن كەمبەغەلنىڭ مۇشتى ياخشى.
  54. 54باينىڭ مېلى كەمبەغەلنىڭ كۆز يېشى.
  55. 55باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، يالاڭ تۆگىنىڭ قوپقۇسى .
  56. 56بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى.
  57. 57بىر سەر ئالتۇنۇڭ بولغۇچە، بىر مىسقال ئەقلىڭ بولسۇن.
  58. 58بىر پاتمان ئالتۇنۇڭ بولغۇچە، بىر پاتمان يېرىڭ بولسۇن.
  59. 59بىر پۇل بېرىپ ئۇسسۇلغا سالسا، ئون پۇل بېرىپ توختاتقىلى بولماس.
  60. 60بىلىمسىزلىك نامراتلىقتىن يامان.
بايلىق ۋە نامراتلىق ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى