ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«گ» ھەرپى

44 ماقال

  1. 1گاداي بولساڭ شەھەر تالاش.
  2. 2گاداينىڭ بالىىسى-باينىڭ كالىسى.
  3. 3گاس ئىككى كۈلىدۇ: خەقنىڭ كۈلگىنىگە قاراپ بىر، گەپ ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر.
  4. 4گاس دەپ غەيۋەت قىلما، قارىغۇ دەپ خىيانەت.
  5. 5گاس گۇمانخور كېلەر، ئوغرى قەسەمخور.
  6. 6گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ.
  7. 7گاچا چۆچىرە يېسە ئىچىدە، ساناپ يەر.
  8. 8گاچىنى سۆزلەتكەن ئۇنىڭ پۇلى.
  9. 9گۆرنىڭ ئەنسىزلىكىدىن ئۆي ئەنسىزلىكى يامان.
  10. 10گۆرگە كىرگەن تىرىك چىقماس، ئۆيگە كىرگەن قۇرۇق چىقماس.
  11. 11گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن.
  12. 12گۆشمۇ گۆش، ئۆپكىمۇ گۆش.
  13. 13گۆشنى يېسەڭ چىشىڭغا كىرەر، يېمىسەڭ چۈشۈڭگە.
  14. 14گۆشنى يېگەنمۇ ئوغرى، شورپىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى.
  15. 15گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا.
  16. 16گۆھەرلىك بولۇشىتن، ھۈنەرلىك بولۇش ئارتۇق.
  17. 17گۇمان ئىماننى قاچۇرار، ئۇماچ مېھماننى.
  18. 18گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ.
  19. 19گۇگۇم ۋاقتىدا قىز كۆرمە، قاش-كۆزىنى ئۇز كۆرمە.
  20. 20گۈزەل يولدا قويار، قاراقچى چۆلدە.
  21. 21گۈل تىكەنسىز بولماس.
  22. 22گۈل سەھەردە ئېچىلار، خىيال كېچىدە.
  23. 23گۈل گۈلى بىلەن، مال خىلى بىلەن.
  24. 24گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق.
  25. 25گۈلنى سۆيگەن تىكىنىدىن قورقماس.
  26. 26گۈلنىڭ سەرخىلى گۈل ئارىسىىدا، ئەرنىڭ سەرخىلى ئەل ئارىسىدا.
  27. 27گۈلگە قونغاننىڭ ھەممىسى بۇلبۇل ئەمەس.
  28. 28گۈلۈڭ بار چاغدا گۈلۈڭنى قىس، گۈلۈڭ توزىغاندا كۆتۈڭنى قىس.
  29. 29گېپى گەپكە ئوخشىماس، ئاغزى گەپتىن بوشىماس.
  30. 30گېپىدە تۇرمىغان ئەر ئەمەس.
  31. 31گەپ ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتكەندە پىلدەك يوغىنار.
  32. 32گەپ قىلمىسا مۆڭ دېمە، جىم تۇرسا، دۆڭ دېمە.
  33. 33گەپ يەردە ئەمەس، ئەردە.
  34. 34گەپ گەپنىڭ تېگىنى ئاچىدۇ،
  35. 35گەپتە گەپ بار، قورساقتا دەرد.
  36. 36گەپدان بولغۇچە، ئىشچان بول.
  37. 37گەپدانلىقنىڭ ئوتتۇز پۇتىقى بار.
  38. 38گەپنى ئويلاپ دە، ناننى چايناپ يە.
  39. 39گەپنى تېجىمەلدىن سورا، يولنى كارۋاندىن.
  40. 40گەپنى قىسقا قىل، كۆسەينى ئۇزۇن.
  41. 41گەپنىڭ ئايىغى يوق، يەرنىڭ يامىغى.
  42. 42گەپنىڭ ئېزى ھەسەل، تولىسى بىمەسەل.
  43. 43گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار.
  44. 44گەپنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ پىشقىنى.
«گ» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى