ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ي» ھەرپى
200 ماقال
- 1يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم.
- 2يا ئەلەمدە يوق، ياقەلەمدە.
- 3يا گۆش ئەمەس، يا بەز ئەمەس.
- 4يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە.
- 5ياتار قورساق-كېتەر قورساق.
- 6ياتقان ئۆكۈزگە يەم يوق.
- 7ياتقان يىلاننىڭ بېشىنى قوزغىما.
- 8ياتقان يېرىڭنى قاتتىق دېمە، ئىچكەن سۈيۈڭنى ئاچچىق.
- 9ياتقانغا يولۇقماس ھېچنېمە، ماڭغانغا پۇتلىشار ھەر نېمە.
- 10ياتنىڭ ئوتىنى پۈۋلەپ ساقىلى كۆيۈپتۇ.
- 11ياتنىڭ ياندىن ئۆتەر، تۇغقاننىڭ جاندىن.
- 12ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس.
- 13ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس، ياخشى يارغا ئەلچى.
- 14ياخشى ئاتنىڭ تۇيىقىدىن چاڭ چىقماس.
- 15ياخشى ئادەم ئامانلىشىپ كۆچەر، يامان ئادەم يامانلىىشىپ كۆچەر.
- 16ياخشى ئادەم دەپ يۈرەرسەن، ھاجىتىڭ چۈشسە بىلەرسەن.
- 17ياخشى ئاش ئېشىپ قالغۇچە، يامان قورساق يېرىلىپ كەتسۇن.
- 18ياخشى ئىت ئۆلۈكنى كۆرسەتمەس.
- 19ياخشى ئەر كىشى خوتۇن خارلىماس.
- 20ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرىدۇ، يامان بولسا ئۆگزىدىن.
- 21ياخشى بولسا ئۆزۈڭگە بالا، يامان بولسا بېشىڭغا.
- 22ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.
- 23ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
- 24ياخشى تىلەككە يامان چېچەك.
- 25ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
- 26ياخشى دوست جاندىن ئەزىز.
- 27ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى.
- 28ياخشى سۆز دىلنى ئېرىتىدۇ، يامان سۆز سۆزگە ياماق.
- 29ياخشى سۆزگە قۇلاق سال، يامان سۆزگە ياماق.
- 30ياخشى قوشنا دەردكە ھەمدەم، يامان قوشنا باشقا مىڭ غەم.
- 31ياخشى كەلسە ھوت، يامان كەلسە جۇت.
- 32ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك، ناچار مالنى سېتىشقا سۆز.
- 33ياخشى نىيەت ئاشقا، يامان نىيەت باشقا.
- 34ياخشى گۆشتىن ياخشى شورپا.
- 35ياخشى گەپ ئىسسىتقۇ، يامان گەپ سوۋۇتقۇ.
- 36ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
- 37ياخشىدىن ئات قالىدۇ، ياماندىن داد.
- 38ياخشىدىن جاپا كەلمەس، ياماندىن ۋاپا.
- 39ياخشىغا بىر سۆز، يامانغا مىڭ سۆز.
- 40ياخشىغا بەرسەڭ نېپى تېگەر، يامانغا بەرسەڭ گېپى.
- 41ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم.
- 42ياخشىغا يېتىشمەك تەس، ياماندىن قۇتۇلماق.
- 43ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
- 44ياخشىنى ماختىساڭ يارىشىدۇ، ياماننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ.
- 45ياخشىنىڭ ئايىغىدا قۇرت ئۆلمەس.
- 46ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.
- 47ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
- 48يار ئوتىنىڭ يارىسى يوق.
- 49يارنى تاپقاندا گەپ يوق، گەپنى تاپقاندا يار.
- 50يارنىڭ سۈرىتىگە قارىما، خۇلقىغا قارا.
- 51يارىمنىڭ تىللىغىنى-چىللىغىنى.
- 52يارىنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىپتۇ.
- 53ياز بار، قىش بار، ئالدىرىماڭ ئىش بار.
- 54يازدا ئۇخلىغان قىشتا مۇزلار.
- 55ياش تۆككۈچە، مۇش تۈگ.
- 56ياش قېرىتماس، غەم قېرىتار.
- 57ياش كېتىمەن دەپ قورقۇتار، قېرى ئۆلىمەن دەپ.
- 58ياش ۋاقتىدا ياخشىلىق قىلمىغان، قېرىغاندا قاتتىقلىق كۆرەر.
- 59ياشلار ئويۇنغا ئامراق، قېرىلار ئۇيقۇغا.
- 60ياشلار كەلسە ئىشقا، قىرى كەلسە ئاشقا.