ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«د» ھەرپى
63 ماقال
- 1دادام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا.
- 2دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.
- 3دام ئۇرغىلى يات يەر ياخشى.
- 4دانا قەدرىنى ئەخمەق بىلمەس، ئاغرىق دەردىنى ساق.
- 5دانا كىشى ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلار.
- 6داننى بۇ يەردىن يەپ، باشقا يەردە تۇخۇملاپتۇ.
- 7داپقا بېقىپ ئۇسسۇل.
- 8دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.
- 9دوزاخقا ئۆگەنگەن كۆڭۈل، بېھىشقا كۆنمەپتۇ.
- 10دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.
- 11دوست بول، سىرىنى بىل.
- 12دوست كۆپ، توغرىسى ئاز.
- 13دوست كەينىڭدىن ماختار، دۈشمەن ئالدىڭدا.
- 14دوست چىللىسا قالما، دۈشمەن چىللىسا بارما.
- 15دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
- 16دوستقا ئىناق بول، دۈشمەنگە يىراق.
- 17دوستقا دوست كېرەك، ھېساپقا دۇرۇس كېرەك.
- 18دوستنىڭ ئاتقان تېشى باشنى يارماس.
- 19دوستنىڭ دوستلۇقى، باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
- 20دوستنىڭ كونىسى ياخشى، چاپاننىڭ يېڭىسى.
- 21دوستۇڭ ئۈچۈن زەھەر يۇت.
- 22دوستۇڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق.
- 23دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
- 24دوستۇڭغا دەرد كەلسە، دۈشمىنىڭنىڭ تويى بولار.
- 25دوك گۆرگە كىرگەندە تۈزىلەر.
- 26دوپپىسىنى ئال دېسە، بېشىنى ئاپتۇ.
- 27دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى.
- 28دۆتكە نەسىھەت كار قىلماس، قارىغا سوپۇن.
- 29دۆتنىڭ تىلى قىچىشىدۇ، تەنتەكنىڭ قولى.
- 30دۆلەت ئەرنى يىقىتار، شامال يەرنى قۇرۇتار.
- 31دۆلەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا، سۇمۇرغ كېلەر ئۇنىڭ قېشىغا.
- 32دۆلەت كەتسە كەتسۇن، سۆلەت كەتمىسۇن.
- 33دۆڭنى كۆرۈپ تاغ دېمە، گۈلنى كۆرۈپ باغ.
- 34دۇدۇق سۆزگە يارىماس، ئوغرى كۆزەتكە.
- 35دۇنيا دېگەن قولنىڭ كىرى
- 36دۇنيادا ئىككى ئۆلۈم يوق، بىرىدىن قۇتۇلغان ھېچكىم يوق.
- 37دۇنيانى سۇ باسسا، ئۆردەكنىڭ نېمە غېمى.
- 38دۇنيانىڭ ئىشىنى ئاخىرەتكە قالدۇرما.
- 39دۈشمەن تاش سانىسا، خەلق قۇم سانايدۇ.
- 40دۈشمەن قاچقاندىن كېيىن باتۇر كۆپىيەر.
- 41دۈشمەن قەستلەر، دوست قۇتۇلدۇرار.
- 42دۈشمەننى ئۆيۈڭگە يوللاتما، قارىياغاچنى بېغىڭغا.
- 43دۈشمەنگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.
- 44دۈمبىسى قىچىشقان ئېشەك تۈگمەنگە كېلەر.
- 45دېسەڭ گەپ بولىدۇ، دېمىسەڭ دەرد.
- 46دېمىگەننى دېگۈچى چىقار، يېمىگەننى يېگۈچى.
- 47دېھقاننىڭ بۇرنىغا يەر پۇراپتۇ.
- 48دېھقانچىلىق گاھىدا چىلىق-چىلىق، گاھىدا قۇرۇقچىلىق.
- 49دەرد قورۇقى كېتەر، ئاچ قورۇقى كەتمەس.
- 50دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق.
- 51دەرد كەلگەندە دەرمان كېتەر.
- 52دەردى يوق ئېشەك، ئىشقى يوق كېسەك.
- 53دەردى يوق- ئالەمدە يوق.
- 54دەردى يوققا ۋاي چىشىم دېمە.
- 55دەريا تېشىپ كەتسە، ئۆردەكنىڭ نېمە ئىشى.
- 56دەريادىكى بېلىقىنىڭ باھاسى يوق.
- 57دەريانى توسقىلى بولار، ئەل ئاغزىنى توسقىلى بولماس.
- 58دەسلەپكى بىلەن ئۆي تۇتمىساڭ، ئۆلگۈچە پوشايمان.
- 59دەشنەم يېگىنىم، بەش نان يېگىنىم.
- 60دەللالنىڭ دەسمايىسى يالغانچىلىق.