ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ت» ھەرپى
167 ماقال
- 1«تۇر،تۇر» كۆپ بولسا، ئۇيقۇدا مەززە يوق.
- 2تاتلىق تىل يىلاننى ئىنىدىن چىقىرىدۇ.
- 3تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئېلىنار.
- 4تار يەردە ئاش يېگۈچە، كەڭ يەردە مۇش يە.
- 5تاز تازنى كۆرسە بېشى قىچىشار.
- 6تاز چىۋىننى قوندۇرماس، چىۋىن تازنى تىندۇرماس.
- 7تازغا تارغاق بەرسەڭ، يىلىم تىلەيدۇ.
- 8تازغا مەنسەپ تەگسە، چەللىدە ئات چاپار.
- 9تازنى ئەر بولمايدۇ دېمە، سازى يەر.
- 10تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى.
- 11تازنىڭ كۆزى چاچتا، قىزنىڭ كۆزنىڭ كۆزى قاشتا.
- 12تاسما يېگەن ئىت ئۆلگۈچە خۇيىنى تاشلىماس.
- 13تاش ئاتقانغا ئاش ئات.
- 14تاش بىلەن ياڭاق تەڭ بولماس.
- 15تاش چۈشكەن يەردە ئەزىز.
- 16تاشقا چاچ، بەختىڭدىن كۆر.
- 17تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ.
- 18تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلەر، خۇي يۆتكەلمەس.
- 19تاغقا چىقماق ئاسان،چۈشمەك تەس.
- 20تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكنى قوغلاپتۇ.
- 21تالالىقى بار، ئۆي ئىچىلىكى يوق.
- 22تالقان يەۋېتىپ ئوتنى پۈۋلىگىلى بولماس.
- 23تاللاپ-تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ.
- 24تام تېشىپ تېرىق ئاپتۇ، مۇز تېشىپ بېلىق.
- 25تاما-تاما كۆل بولار.
- 26تامغىلىق مال يوقالماس.
- 27تامچە سۇ بەڭگىگە دەريا كۆرۈنەر.
- 28تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بوپتۇ.
- 29تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.
- 30تاياق تەگكۈچە بېشىڭنى تارت.
- 31تاياق گۆشتىن ئۆتەر، تىل سۆڭەكتىن.
- 32تاينى باقساڭ ئات بولۇر، بۆرىنى باقساڭ يات.
- 33تاپالىساڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يە، تاپالمساڭ شامال.
- 34تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر، تاپمىغىننى چۈجە-خوراز.
- 35تاۋار داستىخان، قۇرۇق ئۇستىخان.
- 36تاۋار-دۇردۇن ئاشار، لاي ئاشماس.
- 37تاۋاقنىڭ سىرى كەتسىمۇ، سىنى كەتمەس.
- 38توخۇ بۈركۈت بولالماس.
- 39توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە جاڭگال.
- 40توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە داڭگال.
- 41توخۇ چىللىمىسىمۇ تاڭ ئاتىدۇ.
- 42توخۇنى ئوغۇرلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمنى يېگەنمۇ ئوغرى.
- 43توخۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە، يولۋاسنى قورقۇتقىلى بولماس.
- 44توخۇنى كۆلچەككە ھەيدەپتۇ، ئۆردەكنى قونداققا.
- 45تورپىقىمنى كىچىك دېسەڭ، يوغان تاغار ئارتىپ كۆر.
- 46توز پېيىنى ئاسرايدۇ، كىشى ئۆز ئابرويىنى.
- 47توزاقتىن قورۇققان قۇش، ئاچا ياغاچقا قونماس.
- 48توشقان ئۆلسە، تۈلكە ھازا تۇتۇپتۇ.
- 49توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشغان ئەلا.
- 50توغرا ئادەم سايىسىنىڭ ئەگرىلىكىدىن قوقماس.
- 51توغرا ئېيىتقان تۇغقىنىغا يارىماپتۇ.
- 52توغرا سۆز تاشنى يارار، تۆھمەت باشنى.
- 53توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.
- 54توق كېكىرەر، ئاچ ئوسۇرار.
- 55توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتۇپتۇ.
- 56توقۇناق بالا، ئىلمەك قازا.
- 57توكۇر ئاتقا تۆمۈر تاقا، ئەسكى چاپانغا سۆسەر ياقا.
- 58توكۇر ئۇسسۇلچى، كېكەچ غەزەلچى.
- 59توكۇرنى ياردا تۇت، توشقاننى قاردا.
- 60توكۇرنىڭ مېڭىشى تولا، گاچىنىڭ گېپى.