ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ۋەتەن ۋە ئەل

37 ماقال

  1. 1ئات ئورۇقلۇقتا بۇزۇلار، خوتۇن غېرىبلىقتا.
  2. 2ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغۇچە، ئەلنىڭ بالىسى بول.
  3. 3ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس.
  4. 4ئوتتۇز چىشتىن چىققان سۆز، ئوتتۇز ئەلگە تاارپتۇ.
  5. 5ئوغرىسى يوق يۇرت بولماس، بۆرىسى يوق جاڭگال.
  6. 6ئۆزىنى سورىغان يۇرت سوراپتۇ.
  7. 7ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن.
  8. 8ئۈگرىنى تاشلاپ تالقان يەپتۇ، يۇرتنى تاشلاپ ئارمان.
  9. 9ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك.
  10. 10ئەل بار يەردە، ئەر بار.
  11. 11ئەل بار يەردە، گەپ بار.
  12. 12ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە.
  13. 13ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي.
  14. 14ئەل تىنچ،مەن تىنچ.
  15. 15ئەل قوزغالسا، تەخت غۇلار.
  16. 16ئەل پۈۋ دېسە، بوران چىقىدۇ.
  17. 17ئەلنىڭ جېنى چىقسا، گالۋاڭنىڭ كۈلكىسى چىقار.
  18. 18ئەلنىڭ غېمىنى يېگەن ئەر ئۆلمەس.
  19. 19ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك.
  20. 20ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.
  21. 21خەقنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
  22. 22دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى.
  23. 23دەريانى توسقىلى بولار، ئەل ئاغزىنى توسقىلى بولماس.
  24. 24غېرىبنىڭ ھالىغا غېرىب يېتەر.
  25. 25قولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.
  26. 26كالاڭ ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار.
  27. 27كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
  28. 28موللىنىڭ ياخشىسى تەمەرگە ئەمەس، مۇساپىرنىڭ ياخشىسى قەلەندەر.
  29. 29مۇساپىر ئىتنىڭ قۇيرۇقى ئىچكىرى.
  30. 30مۇساپىر بولمىغۇچە، يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
  31. 31نادان ھاكىم يۇرت بۇزار.
  32. 32ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
  33. 33يۇرتىغا پاتمىغان جاھانغا پاتماس.
  34. 34يېرىدىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار، يۇرتتىن ئايرىلغان يەتمىش يىل.
  35. 35يەر تويمىغۇچە ئەل بولماس.
  36. 36پادىشاھلىق ئەل بىلەن، تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن.
  37. 37گۈلنىڭ سەرخىلى گۈل ئارىسىىدا، ئەرنىڭ سەرخىلى ئەل ئارىسىدا.
ۋەتەن ۋە ئەل ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى