ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ئە» ھەرپى
84 ماقال
- 1ئەتىكى قۇيرۇقتىن، بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى.
- 2ئەتىيازدا توخۇ تويماس.
- 3ئەتىيازدا قۇيماق يەپ، كەچ كۈزدە كېكىردىم.
- 4ئەتىگەن تۇرساڭ، ئالدىڭدىن كۈن چىقار، كەچ تۇرساڭ، كەينىڭدىن تۈن.
- 5ئەتىگەندە كۆچەت تىكىپ، كەچتە سايىسىنى ئىزدەپتۇ.
- 6ئەتە كېلىڭ، ئۆگۈن كېلىڭ، ھەل بولمىسا سەۋىر قىلىڭ.
- 7ئەجەل كەلسە، ئەقىل ئادىشار.
- 8ئەخمەق ئۆتۈكنىڭ تېشىدىن قاشلار.
- 9ئەخمەق ئەلچى ئىككى تەرەپنى بۇزار.
- 10ئەخمەق بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشقا ئەخمەقلىق كېرەك.
- 11ئەخمەق كۈندۈزى چىراغ ياقىدۇ، يېغى تۈگەپ كېچىىسى ئايغا باقىدۇ.
- 12ئەخمەققە قىز كۆرسەتمە، موزايغا سۈت.
- 13ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.
- 14ئەخمەقنى ئە يىبلىمەي ئىشقا سال.
- 15ئەخمەقنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن.
- 16ئەخمەقنىڭ چوڭ -كىچىكى يوق.
- 17ئەدەپلىك بالا ئويۇننى ئويۇن قىلىدۇ، ئەدەپسىز بالا ئويۇننى قۇيۇن قىلىدۇ.
- 18ئەر ئارسىز بولماس، يىگىت يارىسىز.
- 19ئەر ئۆلسە ئېتى قالار، ئات ئۆلسە ئېگىرى.
- 20ئەر قېرىسا ئۆزىگە بىلىنەر، خوتۇن قېرىسا ئۆزگىگە.
- 21ئەر قېرىسا قويغىنىنى بىلمەس، خوتون قېرىسا تويغىنىنى .
- 22ئەر قېرىسا كۈچىدىن قالار، خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن.
- 23ئەر قەدرىنى ئەر بىلەر، زەر قەدرىنى زەگەر.
- 24ئەر كىشى مۇز تاغ، خوتۇن ئاپتاپ.
- 25ئەر كىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
- 26ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر، خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار.
- 27ئەر يېڭىلىپ قولغا چۈشەر، قۇش يېڭىلىپ تورغا.
- 28ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى تېتىماس.
- 29ئەرزانچىنىڭ مېلى تالاشتا قالىدۇ، قىممەتچىنىڭ مېلى تالادا.
- 30ئەرسىز خوتۇن يۈگەنسىز ئات.
- 31ئەركىشى نامرات بولسا بولسۇن، قەرىزدار بولمىسۇن.
- 32ئەركىلىتىۋەرسەڭ ئېشەككە مۈڭگۈز چىقىدۇ.
- 33ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
- 34ئەرنىڭ ئىچىگە ئالەم سىغار.
- 35ئەرنىڭ ئۆزى ئەمەس، سۆزى.
- 36ئەرنىڭ ئېزىتقۇسى خوتۇن.
- 37ئەرنىڭ جەددى تۆرىدە ئولتۇرۇپ ئاچ چىقىدۇ، خوتۇننىڭ جەددى پەگاھتا ئولتۇرۇپ توق چىقىدۇ.
- 38ئەرنىڭ سۆزى بىر بولار.
- 39ئەرنىڭ يالغىنى- ئۆلگىنى.
- 40ئەزرائىل جان دېسە، بەش بالا نان دەيدۇ.
- 41ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دېسە، بەش تەڭگەمنى بەر دەپتۇ.
- 42ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا، نامراتقا پۇتلاش تولا.
- 43ئەسكى چاپان ئىچىدە ئادەم بار.
- 44ئەسكى چاپان قىشتا ياخشى.
- 45ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، ئەسكى خوتۇن ئۆلگەندە.
- 46ئەسكى ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرۇت.
- 47ئەقلى بارغا بىرلا سۆز كۇپايە.
- 48ئەقلى يوق باشتىن سۈيى يوق قاپاق ياخشى.
- 49ئەقىل بولمىسا، كۆز دېگەن تام تۆشۈكى.
- 50ئەقىل توزۇماس، بىلىم خورىماس.
- 51ئەقىل دوست، نادان دۈشمەن.
- 52ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا.
- 53ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق.
- 54ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، ئەقىلسىز ئۆزگىنى.
- 55ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، نادان دوستىنى.
- 56ئەقىللىق ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئەخمەق چۈشىگە.
- 57ئەقىللىق دوستىنى ماختار، ئەخمەق خوتۇنىنى.
- 58ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ، ئويلاپ كۈلىدۇ، نادانغا گەپ قىلساڭ، ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
- 59ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك.
- 60ئەل بار يەردە، ئەر بار.