ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ئۈ» ھەرپى

12 ماقال

  1. 1ئۈجمە تۈگىگەندە سوپىسوپىياڭ كەپتۇ.
  2. 2ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش.
  3. 3ئۈزۈككە كۆز كېرەك، قىزغا سۆز.
  4. 4ئۈلپىنىڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق.
  5. 5ئۈمتۈلگەن ئەرگە، دەريا ئوشۇقىغا كەلمەس.
  6. 6ئۈممەتسىز پەيغەمبەر يوق، شاگىرتسىز پىر.
  7. 7ئۈمىد ياشنىتار، غەم قاقشىتار.
  8. 8ئۈمىدسىز كىشىدىن ئامەت قاچىدۇ، ئىناقسىز ئۆيدىن بەرىكەت.
  9. 9ئۈچ ئادەم بار يەردە خىزىر بار.
  10. 10ئۈچ قوي سويغان قاسساپ بوپتۇ.
  11. 11ئۈگرىنى تاشلاپ تالقان يەپتۇ، يۇرتنى تاشلاپ ئارمان.
  12. 12ئۈگرە ئەتسەڭ تۈزۈك ئەت، ئېتەلمىسەڭ ئۈزۈپ ئەت.
«ئۈ» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى