ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

جاسارەت

59 ماقال

  1. 1ئاينىڭ بېشىدىن قورۇققۇچە، بەشىدىن قورق.
  2. 2ئوغرى ساقچىدىن قورقىدۇ، جىن ياخشىدىن.
  3. 3ئىت گادايدىن قورقىدۇ، گاداي ئىتتىن.
  4. 4ئىتتىن قورققان گاداي ئەمەس.
  5. 5ئىش ئۇستىسىدىن قورقار.
  6. 6ئۇچقۇندىن قورققان تۆمۈرچى ئەمەس.
  7. 7باتۇر بىر قېتىم ئۆلەر، قورقۇنچاق مىڭ قېتىم.
  8. 8باتۇر جەڭدە، ھورۇن كاڭدا.
  9. 9باتۇر ساراڭدىن قورقار، ساراڭ مۇتتەھەمدىن.
  10. 10باتۇر چامىدايدۇ، قورقۇنچاق توختايدۇ.
  11. 11باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر.
  12. 12باتۇرنى مەيداندا سىنا، سۆزمەننى دەۋادا.
  13. 13باشقا كەلگەندە باتۇر.
  14. 14باي بىلەن داۋالاشما، باتۇر بىلەن چېلىشما.
  15. 15بىر مەستتىن قورق، بىر مۆرىمەستىن.
  16. 16بۈركۈت بوراندىن قورۇقماس، باتۇر ئۆلۈمدىن.
  17. 17بېگىم چىقىتى يامۇلدىن، قورقۇپ كەتتىم دورغىسىدىن.
  18. 18بەرگەن باتۇر ئەمەس، سورىغان باتۇر.
  19. 19توخۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە، يولۋاسنى قورقۇتقىلى بولماس.
  20. 20تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان، گۈلدۈرمامىدىن قورقماپتۇ.
  21. 21دۈشمەن قاچقاندىن كېيىن باتۇر كۆپىيەر.
  22. 22رودۇپاي كالتەكتىن قورقىدۇ.
  23. 23سوقۇشۇشتا قورققان خوراز، چىللاشتىن قالىدۇ.
  24. 24سۇغا يىقىلغان يامغۇردىن قورقماس.
  25. 25شىرنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
  26. 26شەنگىنىڭدىن قورقمايمەن، قوناقلىقتىن چىقمايمەن.
  27. 27قاۋىغان ئىتتىن قورقما، ئەركىلىگەن ئىتتىن قورق.
  28. 28قورساق ئاغرىقىڭ بولمىسا، تاۋۇز يېيىشىتىن قورقما.
  29. 29قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرەر.
  30. 30قورققان ئىت ئارقىسىغا قاراپ خىرقىرار.
  31. 31قورققان مۈشۈككە چاشقان ئۇۋىسى ساراي كۆرۈنۈپتۇ.
  32. 32قورققانغا قوش كۆرۈنەر، كۆلەڭگىسى بەش كۆرۈنەر.
  33. 33قورققاننى ئەجەل قوغلار.
  34. 34قورقۇنچاق ئۆلمەي تۇرۇپ، مىڭ قېتىم ئۆلەر.
  35. 35قورقۇنچاق ھەسەتخور بولار، نامەرد قەسەمخور بولار.
  36. 36قورقۇنچاقتا نومۇس يوق.
  37. 37قورقۇنچاقنىڭ تۇمىقى بولغۇچە، باتۇرنىڭ چومىقى بول.
  38. 38قىيىن ئىشنىڭ بېشىغا، باتۇر كېلەر قېشىغا.
  39. 39قىيىنچىلىق قورقۇنچاقنىڭ يۈكى، باتۇر ئۈچۈن توخۇ تۈكى.
  40. 40قۇشقاچتىن قورققان تېرىق تېرىماس.
  41. 41كۆز قورققاق، قول باتۇر.
  42. 42كەتمەن ساماندىن قورقىدۇ، ئادەم ياماندىن.
  43. 43كەچ قالغان قارڭغۇدىن قورقماس، ئەرگە تەرگەن دەرەڭگىدىن.
  44. 44مەرد باتۇر يىقىتىدۇ، ئۆلتۈرمەيدۇ.
  45. 45نوھنىڭ كېمىسى توپاندىن قورقماپتۇ.
  46. 46ياش كېتىمەن دەپ قورقۇتار، قېرى ئۆلىمەن دەپ.
  47. 47يالاڭ ئاياغ سۇدىن قورقماس.
  48. 48يالىڭاچ سۇدىن قورقماس، كەچ قالغاندا قاراڭغۇدىن.
  49. 49يامان جىن قورقىدۇ.
  50. 50يامان ياماندىن قورقىدۇ، كەتمەن ساماندىن.
  51. 51يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
  52. 52يىلاندىن قورقان، ئارغامچىدىنمۇ قورقار.
  53. 53پىل تۆشۈكتىن قورقىدۇ، چاشقان مۈشۈكتىن.
  54. 54پىلنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
  55. 55پۇلى بار ئادەمدىن تاغمۇ قورقىدۇ.
  56. 56پۈتكەن ئىشقا ئىگە تولا، ئۇرۇشتىن كېيىن باتۇر.
  57. 57پەمسىز باتۇرلۇق، قورالى يوق مىلتىق.
  58. 58گۈلنى سۆيگەن تىكىنىدىن قورقماس.
  59. 59ھەركىم بارغا باتۇر.
جاسارەت ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى