ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالمىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 901بۆرە قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلەر.
  2. 902بۆرە يوق جاڭگالدا، مايمۇن پادىشاھ.
  3. 903بۆرە يۇڭىنى پاخپايتىپ، ئورۇقلۇقىنى بىلدۈرمەس.
  4. 904بۆشۈكتە كىرگەن خۇي ئۆلگەندە چىقار.
  5. 905بۆكىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى ئېلىپ كەپتۇ.
  6. 906بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە.
  7. 907بۇ دۇنيادا جان كېرەك، ئۇ دۇنيادا ئىمان.
  8. 908بۇ يەردە ئوغرى يوق، ھېلى قويغان ھېلى يوق.
  9. 909بۇرۇتقا خاپا بولسام، ساقال چىقتى.
  10. 910بۇزۇلمايدىغان قىر يوق، ئېچىلمايدىغان سىر.
  11. 911بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى؟
  12. 912بۇغداي پاتمىغان ئاغزىمغا،موزايۋېشى بوش كەلدى.
  13. 913بۇغداينىڭ بارار يېرى تۈگمەن.
  14. 914بۇغداينىڭ باھانىسىدە، قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ.
  15. 915بۇقا مۆرەيدۇ، پۇتى تىتىرەيدۇ.
  16. 916بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ.
  17. 917بۈركۈت بوراندىن قورۇقماس، باتۇر ئۆلۈمدىن.
  18. 918بۈرگىدەك ئەيىبىم تۆگىدەك كۆرۈندى.
  19. 919بۈگۈن ماڭا، ئەتە ساڭا.
  20. 920بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
  21. 921بېخلىنىڭ شامى ئاقسا، كۆزىنىڭ يېشى ئاقار.
  22. 922بېخىل ئالغاننى ئۇنتۇيدۇ، سېخىي بەرگەننى.
  23. 923بېخىل باي بولسا، ئاتىسىنى تونۇماس.
  24. 924بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ياخشى.
  25. 925بېخىل بايدىن نان چىقماس، ئۆلۈك مالدىن قان.
  26. 926بېخىل بىر يارماقنىڭ تۆشۈكىدىن قىرىق قېتىم ئۆتەر.
  27. 927بېخىل تاپسا يېپىپ يەر، سېخىي تاپسا ئېچىپ.
  28. 928بېخىل جېنىدىن كېچەر، مېلىدىن كەچمەس.
  29. 929بېخىلدىن نان سورىغىنىڭ جان سورىغىنىڭ.
  30. 930بېخىلدىن پۇل ئالماق، پېتىر ناندىن قىل ئالماق.
  31. 931بېخىلغا « نان» دېسە، « جان»دەپ ئاڭلىنار.
  32. 932بېخىلنىڭ ئۆلۈكىنى ئىت يېمەس، تىرىكىنى پىت.
  33. 933بېخىلنىڭ ئېشى پىشماس.
  34. 934بېخىلنىڭ بېغى كۆكەرمەس.
  35. 935بېخىلنىڭ تېزىكىگە بېگىز ئۆتمەس.
  36. 936بېخىلنىڭ قولى بىلەن يانچۇق ئارىسى قىرىق كۈنلۈك.
  37. 937بېرىشتە سانىقى توققۇز، ئېلىشتا سانى ئوتتۇز.
  38. 938بېرىپ يامان بولغۇچە، بەرمەي يامان بول.
  39. 939بېشى باش بولسۇن، ئايىغى تاش.
  40. 940بېشى يوغان بەگ بولار، پۇتى يوغان قۇل.
  41. 941بېشى يوقنىڭ ئېشى يوق.
  42. 942بېشىڭ ئىككى بولمىغۇچە، قاچاڭ ئىككى بولماس.
  43. 943بېشىڭ نەدىن كېتەر-تىلىڭدىن.
  44. 944بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىقىڭ شۇ، يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا چىرايلىقىڭ شۇ.
  45. 945بېلى ئاغرىمىغاننىڭ نان يېيىشىگە باق.
  46. 946بېلى بوشنىڭ گېپى بوش.
  47. 947بېلىق بېشىدىن سېسىيدۇ.
  48. 948بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا.
  49. 949بېلىق سۇغا تارتىدۇ، توشقان سايغا.
  50. 950بېگىم چىقىتى يامۇلدىن، قورقۇپ كەتتىم دورغىسىدىن.
  51. 951بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭ ئۇشتۇلار.
  52. 952بەتنىيەتنىڭ يولى تار.
  53. 953بەخت تاقنى جۈپ قىلىدۇ، قازا جۈپنى تاق قىلىدۇ.
  54. 954بەختى بار تاپىدۇ، بەختى يوق چاچىدۇ.
  55. 955بەختىسز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ.
  56. 956بەخىتسىزنىڭ بېغىغا مۆلدۈر ياغار.
  57. 957بەرسە قولىدىن ئالار، بەرمىسە يولدىن.
  58. 958بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن.
  59. 959بەرمەس قىزنىڭ تويلۇقى ئېغىر.
  60. 960بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى