ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«س» ھەرپى
130 ماقال
- 1«سادىق» دەپ ئىسىم قويسا، «تۈلكە» دەپ لەقەم ئالدى.
- 2سائىتى كەلگەندە سەپەر قىل.
- 3ساتمىدا قىلغان گەپنى، سارايدا قىلغىلى بولماس.
- 4ساتىراش باشقا قارايدۇ، ياماقچى ئاياغقا.
- 5ساختا دوست، ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
- 6ساختىپەز ناداننى تاپىدۇ، بىلىملىكتىن قاچىدۇ.
- 7سار چۈجىنىڭ چۈكۈلدىغىنىغا خۇش.
- 8ساراڭغا سوت يوق.
- 9ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، چالمىنىڭ قوڭى.
- 10ساردىن لاچىن تۇغۇلۇپتۇ.
- 11سارنىڭ چۈجىگە ئىچى ئاغرىماس.
- 12سارىخان ئاچام ئۆيدە، ئەخلەت، كۈلى تۆردە.
- 13ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقىپتۇ.
- 14ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماس.
- 15ساقلىساڭ يۈز كۈنلۈك، ساقلىمىساڭ بىر كۈنلۈك.
- 16ساقلىق- بايلىق.
- 17ساقىلىڭنىڭ ئېقى بار، بالىلىقنىڭ تېخى بار.
- 18سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل.
- 19سامان ئوتۇن بولماس، جالاپ خوتۇن بولماس.
- 20سانىماي سەككىز دېمە.
- 21سايدا تاش تېپىلماپتۇ، ئاختارمىدا داڭگال.
- 22سايەڭگە قاراپ بويۇڭنى ئۆلچىمە.
- 23ساپ ھاۋا تەنگە داۋا.
- 24ساپال ئۈچۈن ساق قالغۇچە، گۆھەر ئۈچۈن كۈكۈم-تالقان بول.
- 25ساۋاپنىڭ قوڭى تۆشۈك.
- 26سودا-سېتىق پۇلدىن باشقىنى تونۇماس.
- 27سودىدا دوست يوق.
- 28سودىگەرنىڭ جېنى پۇل، خوتۇن تۇل.
- 29سودىگەرنىڭ يولى بىر، رىزقى باشقا.
- 30سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا-ئۇيىلا كېيىن قاپتۇ.
- 31سوراشقا ماھىر تاغدىن ئۆتەر، سورىمىغان تۈزلەڭدىمۇ تېنەر.
- 32سوراقچىدىن تۇڭچى يامان.
- 33سوراپ بىلىش ئەيىب ئەمەس.
- 34سورىمىغان سۇئالغا جاۋاب بەرمە.
- 35سورىمىغانغا گەپ يوق، ئۇچرمىغانغا سالام.
- 36سوقۇشقاق خوراز سەمىرمەس.
- 37سوقۇشۇشتا قورققان خوراز، چىللاشتىن قالىدۇ.
- 38سىر بەرگەنلىك جان بەرگەنلىك.
- 39سىردىشىشىقا ئۆز ياخشى، سۆيۈشكە يات.
- 40سىنالمىغان ئاتقا يۈك ئارتما.
- 41سىيگەك سۇغا ئامراق.
- 42سىڭمىگەن پولودىن ، سىڭمىگەن ئۇماچ ياخشى.
- 43سۆرەلمە پايدىدىن، ئەپچىل زىيان ياخشى.
- 44سۆز بىلەن پولو پىشماس، ماي بىلەن گۈرۈچ لازىم.
- 45سۆز بەرگەن يۈز بەرمەس، يول بەرگەن ئوزۇق.
- 46سۆز تېپىلغاندا يار يوق، يار تېپىلغاندا سۆز.
- 47سۆزدىن سۆز چىقار، شورىدىن تۇز.
- 48سۆزلىسەم تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمىسەم دىلىم.
- 49سۆزلىيەلمىگەن ئېغىزدىن، چاپاق باسقان كۆز ياخشى.
- 50سۆزلىگەن ئەخمەق بولسىمۇ، ئاڭلىغان ئەقىللىق بولسۇن.
- 51سۆزنى قىلىشتىن ئاۋۋال، ئېغىزدا چايناپ كۆر.
- 52سۆزنىڭ ئېزى ياخشى، ئاشنىڭ تۇزى.
- 53سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ ئىسسىقى.
- 54سۆزى توغرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈستۈن.
- 55سۆيدۈرگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل.
- 56سۆيمىگەنگە سۈركەلمە.
- 57سۆيمەك ئاسان، كۆيمەك تەس.
- 58سۆيگۈ پۇلغا سېتىلماس، كۆڭۈل پۇلغا تېپىلماس.
- 59سۆيگەن ئوتتەك ئىسسق، سۆيمىگەن پوقتەك سېسىق.
- 60سۆيگەن كىشىنىڭ ئەيىبى كۆرۈنمەس.