ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ئۆ» ھەرپى

108 ماقال

  1. 1ئۆتكۈر سۆز-ئاتقان ئوق.
  2. 2ئۆتكەلدىن ئۆتسەڭ ئاۋۋال ئۆت، كېيىن ئۆتسەڭ يول تايغاق.
  3. 3ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ، غەلۋىردە توختاپتۇ.
  4. 4ئۆتكەن ئۆمۈر-ئاققان سۇ.
  5. 5ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما.
  6. 6ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتا.
  7. 7ئۆتمەس پىچاق قول كېسەر.
  8. 8ئۆتۈكى يىرتىق تۆرگە چىقالماس، يېڭى يىرتىق ئاش يېيەلمەس.
  9. 9ئۆتۈڭ تار بولسا، جاھاننىڭ كەڭلىكىنىڭ نېمە پايدىسى.
  10. 10ئۆردەككە سۇ يۇقماس.
  11. 11ئۆردەكنىڭ گۆشىنى يېسەڭ، غازنىڭ پېيىدا بول.
  12. 12ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولار.
  13. 13ئۆز ئاناڭ كەلمەيدۇ، ئۆگەي ئاناڭ ئۆلمەيدۇ.
  14. 14ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى، پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى.
  15. 15ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە-كۈندۈز غېمىنى يە.
  16. 16ئۆز سايىسىگە قاراپ مۇشت ئېتىپتۇ.
  17. 17ئۆز كۈچىگە تايىنىپدىن نان تاپساڭ، كوچىغا چىقىپ يە.
  18. 18ئۆز نەپسىدىن كەچمىگۈچە، كىشىنى خۇش قىلغىلى بولماس.
  19. 19ئۆزلۈككە ئارتۇق، تۆپىلىككە تارتۇق.
  20. 20ئۆزى ئۆلۈپ، ئۆزى يىغلاپتۇ.
  21. 21ئۆزى ئۆيگە كىرگۈچە، كەشى تۆرگە چىقىپتۇ.
  22. 22ئۆزى ئۈچۈن ئۇخلىغان، كىشى ئۈچۈن چۈش كۆرەر.
  23. 23ئۆزى بولالمايدۇ، بولغاننى كۆرەلمەيدۇ.
  24. 24ئۆزى تويسىمۇ، كۆزى تويماس.
  25. 25ئۆزى قوڭغۇزدەك، گىېپى توڭگۇزدەك.
  26. 26ئۆزى كەتكەن يارەي، ئۆزى كەلگەن يارەي.
  27. 27ئۆزى مۇزلۇقنىڭ گېپى تۇزلۇق.
  28. 28ئۆزى ياۋاش، ئاغزى بەڭۋاش.
  29. 29ئۆزى يوقنىڭ كۆزى يوق.
  30. 30ئۆزىدىن خورىكى چوڭ.
  31. 31ئۆزىنى بىلگەن خار ئەمەس.
  32. 32ئۆزىنى سورىغان قازى ئالدىغا بارماپتۇ.
  33. 33ئۆزىنى سورىغان يۇرت سوراپتۇ.
  34. 34ئۆزىنىڭ ئۆزىگە، توپىسى كۆزىگە.
  35. 35ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆزۈنمەس.
  36. 36ئۆزىنىڭ سايىسىگە ئۆزى مۇشت ئېتىپتۇ.
  37. 37ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىپتۇ.
  38. 38ئۆزڭنى ئەر چاغلىساڭ، باشقىنى شىر چاغلا.
  39. 39ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.
  40. 40ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا.
  41. 41ئۆزۈم يېسەم سېسىق ئېشىم، كىشىگە بەرسەم ئىسىت ئېشىم.
  42. 42ئۆزۈمدىن ئۆتكەن، قولۇمدىن كەتكەن.
  43. 43ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپىمەن، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن.
  44. 44ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن.
  45. 45ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ؟ گېپىڭ تۈز بولسۇن.
  46. 46ئۆزۈڭ نېمە يېسەڭ، دوستۇڭغا شۇنى قوي.
  47. 47ئۆزۈڭ يېمىسەڭ غېمىڭنى، قاغا چوقۇر تېنىڭنى.
  48. 48ئۆزۈڭدە يوق- ئالەمدە يوق.
  49. 49ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي.
  50. 50ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل.
  51. 51ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
  52. 52ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولساڭ، كىشىنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتىپ كۆر.
  53. 53ئۆزۈڭگە ياخشىلىق تىلىسەڭ، كىشىگە يامانلىق قىلما.
  54. 54ئۆزۈڭگە ياقمىغاننى كىشىگە تاڭما.
  55. 55ئۆكۈر بىلەن باراۋەر بولىمەن دەپ، پاقا يېرىلىپ كېتىپتۇ.
  56. 56ئۆكۈرنى كاردىن چىقارغان بويۇنتۇرۇق.
  57. 57ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار.
  58. 58ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك.
  59. 59ئۆلىمەن دېسە، مىنىۋالاي دەيدۇ.
  60. 60ئۆلگەندىن كېيىن يىغلىغۇچە، ئۆلمەستىن بۇرۇن سەۋەب قىل.
«ئۆ» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى