ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھايات ۋە ئۆلۈم
115 ماقال
- 1ئات ئۆلسە ئىتنىڭ تويى بولار.
- 2ئات ئۆلسە ئېگىرى قالار، ئادەم ئۆلسە ئىسمى.
- 3ئاتا ئۆلمەي ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
- 4ئادەم ئۆلمەس، رىزقى تۈگمەس.
- 5ئادەم ئۆلمەس، كۆزى تويماس.
- 6ئاشلىقتا ئۆلۈم كۆزگە كۆرۈنمەس.
- 7ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە.
- 8ئامانەتنى تۇتماڭ، يوقالسا تۆلەرسىز، تام تۈۋىدە ئولتۇرماڭ، يىقىلسا ئۆلەرسىز.
- 9ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما.
- 10ئورمىنى بۆلۈم تۈگىتەر، ئادەمنى ئۆلۈم.
- 11ئوغرى ئۆلگۈچە«مەن ئاق»دەپ تۇرار.
- 12ئوغلۇڭ ئۆسسە ئۇلۇغلار بىلەن قوشنا بول، قىزىڭ ئۆلسە خىللىقلار بىلەن قوشنا بول.
- 13ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەس.
- 14ئىككى ئات تېپىشسە، ئارىدا قالغان ئېشەك ئۆلەر.
- 15ئىنسانغا دوستلۇق، ئۆمۈرگە ياشلىق.
- 16ئىچى تارنىڭ گۆرى تار.
- 17ئۆتكەن ئۆمۈر-ئاققان سۇ.
- 18ئۆز ئاناڭ كەلمەيدۇ، ئۆگەي ئاناڭ ئۆلمەيدۇ.
- 19ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.
- 20ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن.
- 21ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك.
- 22ئۆلگەندىن كېيىن يىغلىغۇچە، ئۆلمەستىن بۇرۇن سەۋەب قىل.
- 23ئۆلگەندىن كېيىن« ياسىن»نىڭ نېمە پايدىسى.
- 24ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولماس.
- 25ئۆلۈك چىققان ئۆيدە، ئۈچ كۈنگىچە سۆز-چۆچەك.
- 26ئۆلۈككە يىغلا، تىرىكنى ئاسرا.
- 27ئۆلۈككە يىغلىغان ئىسىت يېشىم.
- 28ئۆلۈكنىڭ قولىنى ئۆتنە ئاپتۇ.
- 29ئۆلۈكنىڭ كۆزى يامان، ئۇرۇشقاقنىڭ سۆزى.
- 30ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا.
- 31ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق.
- 32ئۆلۈمنىڭ چوڭىمۇ-كىچىگىمۇ ئۆلۈم.
- 33ئۆلەر ئىت پالتىدىن قوقماس.
- 34ئۆلەرمەن ئېشەك يېتىپ تېپەر.
- 35ئۆمۈر- ئاتقان ئوق.
- 36ئۆيگە كىرگەن قۇرۇق چىقماس، كۆرگە كىرگەن تىرىك.
- 37ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگۈچە قالماس.
- 38ئېشەك باينىڭ، تاغار باينىڭ، يىقىلسا يۆلىمەيمەن، ئۆلسە تۆلىمەيمەن.
- 39ئەر ئۆلسە ئېتى قالار، ئات ئۆلسە ئېگىرى.
- 40ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، ئەسكى خوتۇن ئۆلگەندە.
- 41ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي.
- 42ئەلنىڭ غېمىنى يېگەن ئەر ئۆلمەس.
- 43ئەلەڭ-سەلەڭ ئاغرىغاندىن، پۇلاڭ-سالاڭ ئۆلگەن ياخشى.
- 44باتۇر بىر قېتىم ئۆلەر، قورقۇنچاق مىڭ قېتىم.
- 45بالاڭ ئۆلسە ئەرگە باق، ئېرىڭ ئۆلسە يەرگە.
- 46بىر خىل تۇرساڭ، يۈز يىل ئۆمۈر كۆرىسەن.
- 47بىر سۆز بىلەن ئەر ئۆلمەس.
- 48بىر ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم، مىڭ ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم.
- 49بىر گۆرگە سۇ كىرسە، مىڭ گۆرگە ئەنسىزچىلىك.
- 50بىرلىك بولماي، تىرىكلىك بولماس.
- 51بىگىز قاپتا ياتماس، ئۆلۈك تاغاردا.
- 52بۆشۈكتە كىرگەن خۇي ئۆلگەندە چىقار.
- 53بۈركۈت بوراندىن قورۇقماس، باتۇر ئۆلۈمدىن.
- 54بېخىل بايدىن نان چىقماس، ئۆلۈك مالدىن قان.
- 55بېخىلنىڭ ئۆلۈكىنى ئىت يېمەس، تىرىكىنى پىت.
- 56تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى.
- 57تاسما يېگەن ئىت ئۆلگۈچە خۇيىنى تاشلىماس.
- 58توشقان ئۆلسە، تۈلكە ھازا تۇتۇپتۇ.
- 59توي نەغمە-ناۋا بىلەن، ئۆلۈم يىغا-زار بىلەن.
- 60تويماس كۆزنى گۆرنىڭ توپىسى تويدۇرار.