ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
سالامەتلىك
26 ماقال
- 1ئاغرىق كۈچۈيسە جېنىڭنى ئالار، دەۋا كۈچەيسە پۇلۇڭنى.
- 2ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس، كېسەلنىڭ دەردىنى ساق.
- 3باي بىلەن داۋالاشما، باتۇر بىلەن چېلىشما.
- 4تۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان ئاغرىقنىڭ ئۆلگىنى ياخشى.
- 5دانا قەدرىنى ئەخمەق بىلمەس، ئاغرىق دەردىنى ساق.
- 6دەۋا كەچەيسە پۇلۇڭنى ئالار، ئاغرىق كۈچەيسە جېنىڭنى.
- 7سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل.
- 8ساپ ھاۋا تەنگە داۋا.
- 9غەم-قايغۇ كېسەل قىلىدۇ، خۇشاللىق داۋالايدۇ.
- 10قارا ئېشەكنىڭ تېزىكى ئىششىققا داۋا.
- 11قورساق ئاغرىقىڭ بولمىسا، تاۋۇز يېيىشىتىن قورقما.
- 12قەرز سوزۇلسا قالىدۇ، ئاغرىق سوزۇلسا ئالىدۇ.
- 13كۆڭۈل ئاغرىقىنى كۆڭۈل بېرىپ ئال.
- 14كېسەل ساقايغۇچى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلەر.
- 15كېسەل پاتمانلاپ كىرىپ، مىسقاللاپ چىقار.
- 16كېسەللىك ئېغىزدىن كىرەر.
- 17كېسەلنىڭ كېلىشى ئاسان، كېتىشى تەس.
- 18كېسەلگە ئېيىتقان تەسەللى دورىدىنمۇ تېز ئۈنۈم بېرەر.
- 19كېسەلگە قاراپ دورا، كاڭغا قاراپ بورا.
- 20نەقتىن ھەسەل چىقار، نېسىدىن كېسەل.
- 21يالغۇز قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار.
- 22پۇل ئەجەلگە داۋا بولماس.
- 23چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، كىشى كېلىپ ھال سورىماس.
- 24چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، چىش ئاغرىقىغا ئادەم ئۆلمەس.
- 25ھەركىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆلەيدۇ.
- 26ھەسرەتسىز ئادەم يوق، ساقايماس كېسەل.