ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ئۇيات ۋە ئابروي
26 ماقال
- 1ئابدالدا ئۇيات يوق، كېپەكتە قۇۋۋەت يوق.
- 2ئابرۇينى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولماس.
- 3ئابرۇيىڭنى ئالتۇنغا ئال، جاننى كېپەككە سات.
- 4ئابرۇيىڭنى باشلىقىتىن ساقلا، چاپىنىڭنى يېڭى چېغىدىن.
- 5ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش.
- 6ئاۋۋال ئىززەت، ئاندىن زورلۇق.
- 7ئىتقا ئۇيات كىرسە، ئۇلتاڭ يېمەس.
- 8ئىززەت تاپاي دېسەڭ خىزمەت قىل.
- 9ئىززەت قىلساڭ ئىززەت كۆرىسەن، چايناپ يېسەڭ لەززەت.
- 10ئۇياتسىز خوتۇن-تۇزسىز ئاش.
- 11ئۇياتسىز مۈشۈككە، قازاننىڭ ئېشى ئوچۇق.
- 12ئۇيقۇدا ئۇيات يوق.
- 13ئەدەپلىك بالا ئويۇننى ئويۇن قىلىدۇ، ئەدەپسىز بالا ئويۇننى قۇيۇن قىلىدۇ.
- 14توز پېيىنى ئاسرايدۇ، كىشى ئۆز ئابرويىنى.
- 15تىرىك ئىززەتكە تويماس، ئۆلۈك دۇئاغا.
- 16سۇسىز ھايات بولماس، ئەمگەكسىز راھەت.
- 17قاچقۇنغا شەپقەت يوق، ئازغانغا ھۆرمەت.
- 18قورساقنىڭ مەيلىچە بولسا،ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ بەر.
- 19قورقۇنچاقتا نومۇس يوق.
- 20كىشىدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر.
- 21كەمبەغەلنى ئىززەت قىلساڭ، چورۇقى بىلەن تۆرگە چىقار.
- 22ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
- 23يېقىن تۇغقان خىزمەتتە، يىراق تۇغقان ئىززەتتە.
- 24چوڭ ئىززەت قىلسا، كىچىك خىزمەت قىلار.
- 25ھايان ماڭا بولسۇن، زىيان ساڭا بولسۇن.
- 26ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت كۆرىسەن.