ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ب» ھەرپى
235 ماقال
- 1باتۇر بىر قېتىم ئۆلەر، قورقۇنچاق مىڭ قېتىم.
- 2باتۇر جەڭدە، ھورۇن كاڭدا.
- 3باتۇر ساراڭدىن قورقار، ساراڭ مۇتتەھەمدىن.
- 4باتۇر چامىدايدۇ، قورقۇنچاق توختايدۇ.
- 5باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر.
- 6باتۇرنى مەيداندا سىنا، سۆزمەننى دەۋادا.
- 7باجا باجىنى كۆرسە تاپىنى قىچىشار.
- 8بار بولسا تۇرالمايدۇ، يوق بولسا چىدالمايدۇ.
- 9بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم، بولمىسا، ئارىدا سۇن تاۋىقىم.
- 10بار دېسە بېرىدۇ، يوق دېسە قەسەم.
- 11بار دەپ تۆكمە، يوق دەپ كۆپمە.
- 12بار نېمىنى دېگۈزمەيدۇ، يوق نېمىنى دېگۈزمەيدۇ.
- 13بار پۇلۇمنى ئوغرى ئالدى، قالغىنىنى رەمچى.
- 14بار چاغدا ھورى چىقىدۇ، يوق چاغدا شورى.
- 15باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.
- 16بارلىق بولساڭ بېشىڭنى سىلايدۇ، يوقلۇق بولساڭ بېشىڭ سىغمايدۇ.
- 17بارلىق بەزدۈرىدۇ، يوقلۇق ئۆگىتىدۇ.
- 18بارلىق ياراشتۇرىدۇ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ.
- 19بارماقنىڭ كەلمىكى بار.
- 20بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ.
- 21بارىغا خوتۇن ئىگە، يوقىغا ئەر.
- 22بارىغا رازى بول، يوققا سەۋىر قىل.
- 23بارچە گۇناھ ئۆزەمدە تۇرۇپ، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي.
- 24بازاردا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى.
- 25بازارنى ئاۋات قىلغان مال، ھويلىنى ئاۋات قىلغان تال.
- 26بازىرى چىققاننىڭ يۇندىسىمۇ پۇل.
- 27باش ئامان بولسا، دوپپا تېپىلار.
- 28باش تىل تارازىسىىدا تارتىلىدۇ.
- 29باش كەتسە كەتسۇن، سىر كەتمىسۇن.
- 30باش لىڭىشتقانغا، بۆك كونىرىماس.
- 31باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە.
- 32باشتا سۆز بولسا، ئايىغىدا گەپ بولىدۇ.
- 33باشتا سۇ بولسا، ئاياغدا نان بولىدۇ.
- 34باشقا تاپسا پۇتقا يوق، پۇتقا تاپسا باشقا.
- 35باشقا كەلگەندە باتۇر.
- 36باشقا كەلگەندە باش قاشلايدۇ.
- 37باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس.
- 38باققالنىڭ ئالدى ياخشى، قاسساپنىڭ كەينى.
- 39بالا ئانىسىنى يامان دېمەس، ئىت ئىگىسىنى.
- 40بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا.
- 41بالا بەش، نان ئۈچ.
- 42بالا تېپىش بىر قىيىن، ئۇنى بېقىش مىڭ قىيىن.
- 43بالا زاكىسىدا مەلۇم.
- 44بالا قۇش ئۇچۇشنى بىلەر، قونۇشنى بىلمەس.
- 45بالا قۇچاقتىكى چاغدا سۆيدۈرەر، ئۆسكەن چاغدا كۆيدۈرەر.
- 46بالا كۆرگەننى دورايدۇ، قىرى كۆرگەننى سورايدۇ.
- 47بالا كەلسە قوش كەپتۇ، ئامەت كەلسە تاق.
- 48بالا كەلسە قوشلاپ كېلىدۇ، بىر-بىرنى باشلاپ كېلىدۇ.
- 49بالا يىغلاپ چوڭ بولار، قاپاق ساڭگىلىشىپ.
- 50بالا يىغلىمىغۇچە، ئانا ئەمچەك سالماس.
- 51بالا-قازا باينىڭ يېنىغا كېلەر، كەمبەغەلنىڭ جېنىغا.
- 52بالا-قازا دەرەخ بېشىدا ئەمەس، ئادەم قېشىدا.
- 53بالا-قازا قاش-كىرپىكنىڭ ئارىسىدا.
- 54بالا-قازا كۆرنۈپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلىتىپ.
- 55بالا-قازا كەلسە، قوشلاپ كېلەر.
- 56بالا-قىلغان ئىش چالا.
- 57بالا،بالا بولغۇچە، ئانىسى موما بولار.
- 58بالاڭ ئۆلسە ئەرگە باق، ئېرىڭ ئۆلسە يەرگە.
- 59بالدرۇر بارغان گۆش يەيدۇ، كېيىن قالغان مۇشت.
- 60بالىدىن نەۋرە تاتلىق، جىگدىدىن گۈلە.