ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ئا» ھەرپى

256 ماقال

  1. 1ئابدالدا ئۇيات يوق، كېپەكتە قۇۋۋەت يوق.
  2. 2ئابدالغا كەپسەن بەرسە، تارازاڭ بارمۇ دەيدۇ.
  3. 3ئابرۇينى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولماس.
  4. 4ئابرۇيىڭنى ئالتۇنغا ئال، جاننى كېپەككە سات.
  5. 5ئابرۇيىڭنى باشلىقىتىن ساقلا، چاپىنىڭنى يېڭى چېغىدىن.
  6. 6ئات ئازسا،تايغا ئەگىشەر.
  7. 7ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش،خوتۇن ئالساڭ يىل.
  8. 8ئات ئالساڭ بويىنى كۆر،خوتۇن ئالساڭ خۇيىنى.
  9. 9ئات ئالساڭ مىنىپ كۆر، چېنە ئالساڭ چېكىپ.
  10. 10ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن.
  11. 11ئات ئايلىخانغا،يول سارىخانغا.
  12. 12ئات ئايلىغان ئات مىنەر، كىيىم تاللىغان تون كىيەر.
  13. 13ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپار.
  14. 14ئات ئايىغىنى تاي باسار.
  15. 15ئات ئورنىغا ئېشەك باغلىما.
  16. 16ئات ئورۇقلۇقتا بۇزۇلار، خوتۇن غېرىبلىقتا.
  17. 17ئات ئۆلسە ئىتنىڭ تويى بولار.
  18. 18ئات ئۆلسە ئېگىرى قالار، ئادەم ئۆلسە ئىسمى.
  19. 19ئات ئېگەردىن پەس ئەمەس.
  20. 20ئات ئەر كىشىگە قانات.
  21. 21ئات باشلىمىغاننىڭ پوردىقى چوڭ، ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى.
  22. 22ئات تاپقۇچە ئېگەر تاپ.
  23. 23ئات تەپكىنى ھار ئەمەس،ئېشەكنىڭ تەپكىنى ھار.
  24. 24ئات كىشنىشىپ تېپىشار، ئادەم سىردىشىپ.
  25. 25ئات كىشنەشكۈچە، ئادەم سۆزلەشكۈچە.
  26. 26ئات كەينىگە مىنگەشمە، مىنگەشكەندىن كېيىن ۋاي دېمە.
  27. 27ئات كەينىگە مىنگەشمە،مىنگەشكەندىن كېيىن ئۈندەشمە.
  28. 28ئات مىنىپ ئاتامغا باقمىدىم.
  29. 29ئات يوق يەردە ئېشەكمۇ ئات.
  30. 30ئات يۆتەلسە ئوقۇر سال، كالا يۆتەلسە پىچاق.
  31. 31ئات ھېرىپ قالسا بىر پىچاق، ئېشەك ھېرىپ قالسا بىر چۆچەك قوناق.
  32. 32ئاتا ئۆلمەي ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
  33. 33ئاتا بولمىغان ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
  34. 34ئاتا كەسىپ بالىغا مىراس.
  35. 35ئاتا كەسپىنى تاشلىغان، پىشانىسىنى قاشلىغان.
  36. 36ئاتا-ئانا چۈمۈلىدەك يىغىدۇ، بالىلار توخۇدەك چاچىدۇ.
  37. 37ئاتا-ئاناڭنى بېشىڭدا كۆتۈر، بالىلىرىڭنى قولۇڭدا.
  38. 38ئاتالمىغان ئوقىدىن كۆرىدۇ، چىچالمىغان پوقىدىن.
  39. 39ئاتام تاپقان-بىكار پۇل، ئۆزۈم تاپقان-شېكەر پۇل.
  40. 40ئاتامدا بولغۇچە، ئالقىنىمدا بولسىچۇ.
  41. 41ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى، چەلپىكىنى ئىتلار تالاشتى.
  42. 42ئاتامنىڭ تاپقىنى ئانامنىڭ بارىكاللىسىغا يەتمەيدۇ.
  43. 43ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە، ئېتىڭ باردا يول.
  44. 44ئاتاڭ كىم بولسا، سەن شۇنىڭ ئوغلى.
  45. 45ئاتاڭ مىراب بولغۇچە، يېرىڭ باشقا بولسۇن.
  46. 46ئاتاڭدىن دۇنيا قالغۇچە، ھۈنەر قالسۇن.
  47. 47ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
  48. 48ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغۇچە، ئەلنىڭ بالىسى بول.
  49. 49ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ، ئېگەر توقۇمدىن ئايرىلما.
  50. 50ئاتتىن چۈشسە، ئۈزەڭگدىن چۈشمەس.
  51. 51ئاتقا ئېگەر كېرەك، ئېگەرگە ئەر.
  52. 52ئاتقا مىنگەشمە مىنگەشكەندىن كېيىن ۋاي دېمە.
  53. 53ئاتقان ئوق يېنىپ كەلمەس.
  54. 54ئاتقان يەردە ئوق قالىدۇ، چىچقان يەردە پوق.
  55. 55ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە، پىيادە بىللە ماڭ.
  56. 56ئاتنى ئوقۇردا باق، ناننى تونۇرغا ياق.
  57. 57ئاتنى تەپمەيدۇ دېمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ.
  58. 58ئاتنىڭ بىڭسىنى سايدا كۆر، قېچىرنىڭ بىڭسىنى لايدا.
  59. 59ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ.
  60. 60ئاتنىڭ خۇيىنى ئىگىسى بىلەر.
«ئا» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى