ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«خ» ھەرپى

44 ماقال

  1. 1خامان ئالماق-شەھەر ئالماق.
  2. 2خاننىڭ قىزى چۆمۈچ تۇتسا، قولى قاپىرىپتۇ.
  3. 3خانىۋەيران قىلسا قىلسۇن، داغى پەرزەنت قىلمىسۇن.
  4. 4خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال، ئېشەك ئالساڭ يېقىندىن.
  5. 5خوتۇن بىشەم بولسا، سەب بىغەم بول.
  6. 6خوتۇن تاللىغان خوتۇنسىز قالار، ئوتۇن تاللىغان ئوتۇنسىز.
  7. 7خوتۇن خەقنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا.
  8. 8خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال.
  9. 9خوتۇن قانىتى ئەر، ئەر قانىتى ئات.
  10. 10خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل بولار.
  11. 11خوتۇن كىشى لاپ بىلەن يۈرەر، ئۇستىرا كاپ بىلەن.
  12. 12خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
  13. 13خوتۇن كىشىنىڭ جېنى قىرىق بىر.
  14. 14خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار، ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزىلەر.
  15. 15خوتۇنسىز ئەر قىرسىز يەر.
  16. 16خوتۇنغ ئامراق بالىغا ئۆچ، قايماققا ئامراق كالىغا ئۆچ.
  17. 17خوتۇنغا ئىشەنمە، قومۇشقا يۆلەنمە.
  18. 18خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئېرىنى بارقار، دېھقاننىڭ ئوبدىنى يېرىنى.
  19. 19خوتۇننىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە گۈرۈچ، ئەرنىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە ئۇرۇش.
  20. 20خوتۇنۇم ئۆلدى، قامچام سۇندى.
  21. 21خوتۇنۇڭ ئەقىللىق بولسا، كۆڭلۈڭ يورۇق بولار.
  22. 22خوتۇنۇڭنىڭ قانداقلىقىنى بىلەي دېسەڭ، قوشناڭ بىلەن ئۇرۇشقاندا قاراپ تۇر.
  23. 23خوجامنىڭ خوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىىسى.
  24. 24خوجامنىڭ قورسىقى توق، قىلغىلى ئىشى يوق.
  25. 25خوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.
  26. 26خورازنىڭ تاجىسى بولغۇچە، تۆگىنىڭ قۇيرىقى بول.
  27. 27خىل خىلى بىلەن، پىچاق قىنى بىلەن.
  28. 28خىل خىلىغا، گۈل گۈلىگە.
  29. 29خىيال كېچىدە ئېچىلار، گۈل سەھەردە.
  30. 30خۇشال بولغاندا كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس.
  31. 31خۇشامەتچى بېلىدىن قېرىيدۇ، ماختانچاق ئاغزىدىن.
  32. 32خۇشامەتچىنىڭ چىشى بولسىمۇ، سۆڭەك غاجار.
  33. 33خۇشياقماسقا ئىش بۇيرۇساڭ، ئالتىنچى ئايدا قولى توڭۇپتۇ.
  34. 34خۇمداندا خىش تولا، قىلاي دېسەم ئىش تولا.
  35. 35خۇيلۇق قىز ئۆي تۇتالمايدۇ.
  36. 36خۇيى ياماننىڭ پەيلى يامان.
  37. 37خۇيىنى بىلمىگەن ئاتقا يېقىن بارما.
  38. 38خېمىر، ئۇچىدىن پېتىر.
  39. 39خېنىمنىڭ قېشىنى كۆرۈڭ، تاۋىقىنىڭ تېشىنى.
  40. 40خەقنىڭ ئىشىغا تومۇزدىمۇ قول توڭلايدۇ.
  41. 41خەقنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
  42. 42خەلق ئېيىتماس، ئېيىتسا خاتا بولماس.
  43. 43خەلق ياندۇرغان چىراغنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر.
  44. 44خەلق«پۈۋ»دېسە بوران چىقىدۇ.
«خ» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى