ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالمىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 721ئەلەڭ-سەلەڭ ئاغرىغاندىن، پۇلاڭ-سالاڭ ئۆلگەن ياخشى.
  2. 722ئەمىلى يوقىنىڭ غېمى يوق، بالىسى بارنىڭ كۆڭلى توق.
  3. 723ئەمگىكىڭ قاتتىق بولسا، يېگىنىڭ تاتلىق بولار.
  4. 724ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر.
  5. 725ئەمگەك قىلساڭ قىلساڭ ئاتىقىڭ چىقار، قىلمىساڭ چاتىقىڭ.
  6. 726ئەمگەك قىلساڭ، يەر سېخى.
  7. 727ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى.
  8. 728ئەيسانىڭ ئەلىمىنى موسادىن ئاپتۇ.
  9. 729ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن، دوستسىز قالار.
  10. 730ئەيىبنى يوشۇرغان ئەخمەق.
  11. 731ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق.
  12. 732ئەگرى كىشى ئازىدۇ، توغرا كىشى ئوزىدۇ.
  13. 733ئەگرىنىڭ سايىسىمۇ ئەگرى.
  14. 734باتۇر بىر قېتىم ئۆلەر، قورقۇنچاق مىڭ قېتىم.
  15. 735باتۇر جەڭدە، ھورۇن كاڭدا.
  16. 736باتۇر ساراڭدىن قورقار، ساراڭ مۇتتەھەمدىن.
  17. 737باتۇر چامىدايدۇ، قورقۇنچاق توختايدۇ.
  18. 738باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر.
  19. 739باتۇرنى مەيداندا سىنا، سۆزمەننى دەۋادا.
  20. 740باجا باجىنى كۆرسە تاپىنى قىچىشار.
  21. 741بار بولسا تۇرالمايدۇ، يوق بولسا چىدالمايدۇ.
  22. 742بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم، بولمىسا، ئارىدا سۇن تاۋىقىم.
  23. 743بار دېسە بېرىدۇ، يوق دېسە قەسەم.
  24. 744بار دەپ تۆكمە، يوق دەپ كۆپمە.
  25. 745بار نېمىنى دېگۈزمەيدۇ، يوق نېمىنى دېگۈزمەيدۇ.
  26. 746بار پۇلۇمنى ئوغرى ئالدى، قالغىنىنى رەمچى.
  27. 747بار چاغدا ھورى چىقىدۇ، يوق چاغدا شورى.
  28. 748باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.
  29. 749بارلىق بولساڭ بېشىڭنى سىلايدۇ، يوقلۇق بولساڭ بېشىڭ سىغمايدۇ.
  30. 750بارلىق بەزدۈرىدۇ، يوقلۇق ئۆگىتىدۇ.
  31. 751بارلىق ياراشتۇرىدۇ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ.
  32. 752بارماقنىڭ كەلمىكى بار.
  33. 753بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ.
  34. 754بارىغا خوتۇن ئىگە، يوقىغا ئەر.
  35. 755بارىغا رازى بول، يوققا سەۋىر قىل.
  36. 756بارچە گۇناھ ئۆزەمدە تۇرۇپ، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي.
  37. 757بازاردا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى.
  38. 758بازارنى ئاۋات قىلغان مال، ھويلىنى ئاۋات قىلغان تال.
  39. 759بازىرى چىققاننىڭ يۇندىسىمۇ پۇل.
  40. 760باش ئامان بولسا، دوپپا تېپىلار.
  41. 761باش تىل تارازىسىىدا تارتىلىدۇ.
  42. 762باش كەتسە كەتسۇن، سىر كەتمىسۇن.
  43. 763باش لىڭىشتقانغا، بۆك كونىرىماس.
  44. 764باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە.
  45. 765باشتا سۆز بولسا، ئايىغىدا گەپ بولىدۇ.
  46. 766باشتا سۇ بولسا، ئاياغدا نان بولىدۇ.
  47. 767باشقا تاپسا پۇتقا يوق، پۇتقا تاپسا باشقا.
  48. 768باشقا كەلگەندە باتۇر.
  49. 769باشقا كەلگەندە باش قاشلايدۇ.
  50. 770باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس.
  51. 771باققالنىڭ ئالدى ياخشى، قاسساپنىڭ كەينى.
  52. 772بالا ئانىسىنى يامان دېمەس، ئىت ئىگىسىنى.
  53. 773بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا.
  54. 774بالا بەش، نان ئۈچ.
  55. 775بالا تېپىش بىر قىيىن، ئۇنى بېقىش مىڭ قىيىن.
  56. 776بالا زاكىسىدا مەلۇم.
  57. 777بالا قۇش ئۇچۇشنى بىلەر، قونۇشنى بىلمەس.
  58. 778بالا قۇچاقتىكى چاغدا سۆيدۈرەر، ئۆسكەن چاغدا كۆيدۈرەر.
  59. 779بالا كۆرگەننى دورايدۇ، قىرى كۆرگەننى سورايدۇ.
  60. 780بالا كەلسە قوش كەپتۇ، ئامەت كەلسە تاق.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى