ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 961بەرمەككە بىرمۇ كۆپ، ئالماققا ئونمۇ ئاز.
- 962بەرگەن باتۇر ئەمەس، سورىغان باتۇر.
- 963بەش بارماق ئېغىزغا سىغماس.
- 964بەش بارماق تەڭ ئەمەس.
- 965بەش قول بىردەك ئەمەس.
- 966بەشىنچى ئايدا بېشىنى كۆردۈم، ئالتىنچى ئايدا ئېشىنى.
- 967بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن.
- 968بەگ بىلەن ئېلىشىپ بولماس، دەرەخ بىلەن چېلىشىپ.
- 969تاتلىق تىل يىلاننى ئىنىدىن چىقىرىدۇ.
- 970تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئېلىنار.
- 971تار يەردە ئاش يېگۈچە، كەڭ يەردە مۇش يە.
- 972تاز تازنى كۆرسە بېشى قىچىشار.
- 973تاز چىۋىننى قوندۇرماس، چىۋىن تازنى تىندۇرماس.
- 974تازغا تارغاق بەرسەڭ، يىلىم تىلەيدۇ.
- 975تازغا مەنسەپ تەگسە، چەللىدە ئات چاپار.
- 976تازنى ئەر بولمايدۇ دېمە، سازى يەر.
- 977تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى.
- 978تازنىڭ كۆزى چاچتا، قىزنىڭ كۆزنىڭ كۆزى قاشتا.
- 979تاسما يېگەن ئىت ئۆلگۈچە خۇيىنى تاشلىماس.
- 980تاش ئاتقانغا ئاش ئات.
- 981تاش بىلەن ياڭاق تەڭ بولماس.
- 982تاش چۈشكەن يەردە ئەزىز.
- 983تاشقا چاچ، بەختىڭدىن كۆر.
- 984تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ.
- 985تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلەر، خۇي يۆتكەلمەس.
- 986تاغقا چىقماق ئاسان،چۈشمەك تەس.
- 987تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكنى قوغلاپتۇ.
- 988تالالىقى بار، ئۆي ئىچىلىكى يوق.
- 989تالقان يەۋېتىپ ئوتنى پۈۋلىگىلى بولماس.
- 990تاللاپ-تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ.
- 991تام تېشىپ تېرىق ئاپتۇ، مۇز تېشىپ بېلىق.
- 992تاما-تاما كۆل بولار.
- 993تامغىلىق مال يوقالماس.
- 994تامچە سۇ بەڭگىگە دەريا كۆرۈنەر.
- 995تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بوپتۇ.
- 996تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.
- 997تاياق تەگكۈچە بېشىڭنى تارت.
- 998تاياق گۆشتىن ئۆتەر، تىل سۆڭەكتىن.
- 999تاينى باقساڭ ئات بولۇر، بۆرىنى باقساڭ يات.
- 1000تاپالىساڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يە، تاپالمساڭ شامال.
- 1001تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر، تاپمىغىننى چۈجە-خوراز.
- 1002تاۋار داستىخان، قۇرۇق ئۇستىخان.
- 1003تاۋار-دۇردۇن ئاشار، لاي ئاشماس.
- 1004تاۋاقنىڭ سىرى كەتسىمۇ، سىنى كەتمەس.
- 1005توخۇ بۈركۈت بولالماس.
- 1006توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە جاڭگال.
- 1007توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە داڭگال.
- 1008توخۇ چىللىمىسىمۇ تاڭ ئاتىدۇ.
- 1009توخۇنى ئوغۇرلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمنى يېگەنمۇ ئوغرى.
- 1010توخۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە، يولۋاسنى قورقۇتقىلى بولماس.
- 1011توخۇنى كۆلچەككە ھەيدەپتۇ، ئۆردەكنى قونداققا.
- 1012تورپىقىمنى كىچىك دېسەڭ، يوغان تاغار ئارتىپ كۆر.
- 1013توز پېيىنى ئاسرايدۇ، كىشى ئۆز ئابرويىنى.
- 1014توزاقتىن قورۇققان قۇش، ئاچا ياغاچقا قونماس.
- 1015توشقان ئۆلسە، تۈلكە ھازا تۇتۇپتۇ.
- 1016توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشغان ئەلا.
- 1017توغرا ئادەم سايىسىنىڭ ئەگرىلىكىدىن قوقماس.
- 1018توغرا ئېيىتقان تۇغقىنىغا يارىماپتۇ.
- 1019توغرا سۆز تاشنى يارار، تۆھمەت باشنى.
- 1020توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.