ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ئى» ھەرپى
97 ماقال
- 1ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا كۆڭلى تىنماس.
- 2ئىت ئىتنى بۇيرۇسا، ئىت قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ.
- 3ئىت ئىگسى بىلەن كۈچلۈك.
- 4ئىت ئىگىسىنى چىشلىمەس.
- 5ئىت ئېتەكتىن ئالار، خوتۇن ياقىدىن.
- 6ئىت بىلەن ئاغىنە بولساڭ، قولۇڭدىن تاياق چۈشمىسۇن.
- 7ئىت بىلەن سايە تالىشىپتۇ، مۈشۈك بىلەن تۆر.
- 8ئىت بىلەن يولداش بولساڭ، قولۇڭدىن تاياق چۈشمىسۇن.
- 9ئىت تويغان يېرىدە ئۇخلار، قۇش قونغان يېرىدە.
- 10ئىت سۆڭەك يېسە، كۆتى بىلەن كېڭىشەر.
- 11ئىت سەمرىسە ئىگىسىنى چىشلەر.
- 12ئىت قاۋىغان يەردە ئادەم بار.
- 13ئىت قىلغاننى ئىت ئىگىسى قىلمايدۇ.
- 14ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ.
- 15ئىت ياغسىز سۆڭەك غاجىماس.
- 16ئىت يېنىدا سۆڭەك ياتماس.
- 17ئىت يەپتۇ چورۇقنى، ئۆزى يۈرۈپتۇ چورۇقسز.
- 18ئىت گادايدىن قورقىدۇ، گاداي ئىتتىن.
- 19ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر.
- 20ئىت-ۋاپا، خوتۇن -جاپا.
- 21ئىتتىرپ بەرگەننى ئىت يېمەس.
- 22ئىتتىكلىك -شەيتانلىق، ئېغىرلىق-راھمانلىق.
- 23ئىتتىن ئاشقاننى پىت يېمەس.
- 24ئىتتىن سۆڭەككە قەرزدار، چاشقاندىن كېپەككە.
- 25ئىتتىن قورققان گاداي ئەمەس.
- 26ئىتقا ئۇيات كىرسە، ئۇلتاڭ يېمەس.
- 27ئىتقا گۆش بەرسەڭ توپىغا مىلەپ بەر.
- 28ئىتمىكىن دېسەم قۇيرۇقى يوق، كالىمىكىن دېسەم مۈڭگۈزى.
- 29ئىتنى ئەركىلەتسەڭ ئاغزىڭنى يالايدۇ.
- 30ئىتنى سۆڭەك بىلەن ئۇرساڭ ھاۋشىماس.
- 31ئىتنى قاۋايدۇ دەپ ئاغزىنى كەسكىلى بولماس.
- 32ئىتنىڭ ئاغزى تەگكەنگە، دەريا سۈيى بۇلغانماس.
- 33ئىتنىڭ ساددىلىقىدىن تۈلكە تۆرىگە چىقىۋاپتۇ.
- 34ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەس.
- 35ئىتنىڭ كاساپىتى ئىتقا تېگەر، ھۇرۇننىڭ كاساپىتى ئىشچانغا.
- 36ئىتنىڭ كۆڭلى سۆڭەكتە.
- 37ئىززەت تاپاي دېسەڭ خىزمەت قىل.
- 38ئىززەت قىلساڭ ئىززەت كۆرىسەن، چايناپ يېسەڭ لەززەت.
- 39ئىسلىق ئۆيۈم-ئىسسق ئۆيۈم.
- 40ئىش ئادەمگە باغلىق.
- 41ئىش ئىگسى بىلەن، قۇش مېڭىسى بىلەن.
- 42ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە.
- 43ئىش ئۇستىسىدىن قورقار.
- 44ئىش ئېپى بىلەن، كەتمەن سېپى بىلەن.
- 45ئىش بار يەردە ئاش بار.
- 46ئىش بىلمەس كەشتىچى بوپتۇ. ئاش بىلمەس ئۈگرىچى.
- 47ئىش قىلىشقا بېلى بوش، گەپ قىلىشقا ئاغزى بوش.
- 48ئىش پەم بىلەن، ئىشىك دەم بىلەن.
- 49ئىش ۋاقتىدا ھەييار، ئاش ۋاقتىدا تەييار.
- 50ئىشتانسىز ئىشتىنى يىرتىقتىن كۈلۈپتۇ.
- 51ئىشتانسىزنىڭ چۈشىدە ئىككى غىرىچ بۆز كىرىپتۇ.
- 52ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن.
- 53ئىشق ئوتى پۈۋلىگەنگە ئۆچمەس.
- 54ئىشقا قاراپ تاۋىقى، ھۆنىرىگە قاراپ سىمكارى.
- 55ئىشقى يوق ئېشەك، دەردى يوق كېسەك.
- 56ئىشقى يوق ياردىن، ئىسسىق ئوچاق ياخشى.
- 57ئىشلىقنىڭ ئىىشى پۈتەر، ئىشسىزنىڭ كۈنى ئۆتەر.
- 58ئىشلىگەن چىلىق-چىلىق، ئىشلىمىگەن قۇرغاقچىلىق.
- 59ئىشلەتسەم-قۇلۇم، ساتسام- پۇلۇم.
- 60ئىشنىڭ ئاسىنى يوق، قىلالىساڭ قىيىنى يوق.