ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ياشلىق ۋە قېرىلىق

52 ماقال

  1. 1ئادەم قېرىسىمۇ كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرىسىمۇ يىلتىزى.
  2. 2ئارمىنى يوق ياش بولماس، ھەسرىتى يوق قېرى.
  3. 3ئوغرى قېرىسا سوپى بولار، جالاپ قېرىسا بۈۋى بولار.
  4. 4ئىنسانغا دوستلۇق، ئۆمۈرگە ياشلىق.
  5. 5ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ ئېرى تېز قېرىيدۇ.
  6. 6ئەر قېرىسا ئۆزىگە بىلىنەر، خوتۇن قېرىسا ئۆزگىگە.
  7. 7ئەر قېرىسا قويغىنىنى بىلمەس، خوتون قېرىسا تويغىنىنى .
  8. 8ئەر قېرىسا كۈچىدىن قالار، خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن.
  9. 9ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا.
  10. 10بالىلار چوڭ بولۇشنى ئويلىىسا، چوڭلار ياشىرىشنى ئويلايدۇ.
  11. 11بالىلىقنىڭ كۆڭلى ياش، بالىسىزنىڭ كۆڭلى تاش.
  12. 12باي بالىسى ئون بەشكە كىرسە باش، كەمبەغەل بالىسى ئوتتۇزغا كىرسىمۇ ياش.
  13. 13تىرىككەك ئاسان قېرىيدۇ.
  14. 14تىرىلغانغا يەر قېرىماس، ئىشلىگەنگە ئەر.
  15. 15جاغدا قېرىماس، ئوغرى بېيىماس.
  16. 16جاڭگالدا يوقالغان ئىشەكنى، ئۆيدىكى مومايدىن سوراپتۇ.
  17. 17خۇشامەتچى بېلىدىن قېرىيدۇ، ماختانچاق ئاغزىدىن.
  18. 18دەۋا قېرىماس، ئالتۇن چىرىماس.
  19. 19ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقىپتۇ.
  20. 20سېنىڭ ياشلىقىڭدىن، ئۆتۈكۈمنىڭ باشلىقى ياخشى.
  21. 21قارڭغۇدا قېرى خوتۇن ياش كۆرۈنەر.
  22. 22قاپاق سۇنسا قايغۇ يوق، قېرى ئۆلسە يىغا يوق.
  23. 23قۇش قېرىپ تورغا چۈشمەس، ئەر قېرىپ قولغا.
  24. 24قېرى ئات ئوقۇر بۇزماس.
  25. 25قېرى بىلگەننى، پىرى بىلمەس.
  26. 26قېرى خوتۇن ياش بولدى، جۇۋانلارغا تەس بولدى.
  27. 27قېرى قىز ئەر تاللىماس.
  28. 28قېرى قۇشقاچ كېپەككە ئالدانماس.
  29. 29قېرى كالا پىچاقتىن قورۇقماس.
  30. 30قېرى كەلسە ئاشقا، ياش كەلسە ئىشقا.
  31. 31قېرىشقاننىڭ قارنى ئاچ.
  32. 32قېرىشقاننىڭ قىزىنى ئال.
  33. 33قېرىغاندا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنەر.
  34. 34قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق.
  35. 35قېرىلار بۇ دۇنيانىڭ مېھنىتى.
  36. 36قېرىلىق بىلەن ئۆلمەس، ياشلىق بىلەن تۇرماس.
  37. 37قېرىىنداشتىن قارنىم ياخشى.
  38. 38كاسىپ قېرىسا، ھۈنىرىمۇ قېرىيدۇ.
  39. 39كۆپ قېرىنىڭ ئىچىدىكى بالا دانا بولار، كۆپ بالا ئىچىدىكى قېرى بالا بولار.
  40. 40موماي باققان بالا، تامدىن سەكرىگەن كالا.
  41. 41مەنىسىز ياشلىق-سايدىكى تاشلىق.
  42. 42ياش تۆككۈچە، مۇش تۈگ.
  43. 43ياش قېرىتماس، غەم قېرىتار.
  44. 44ياش كېتىمەن دەپ قورقۇتار، قېرى ئۆلىمەن دەپ.
  45. 45ياش ۋاقتىدا ياخشىلىق قىلمىغان، قېرىغاندا قاتتىقلىق كۆرەر.
  46. 46ياشلار ئويۇنغا ئامراق، قېرىلار ئۇيقۇغا.
  47. 47ياشلار كەلسە ئىشقا، قىرى كەلسە ئاشقا.
  48. 48ياشلىق-يالقۇن، قېرىلىق-تۈتۈن.
  49. 49ياشلىقتا ئۆگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن قۇمغا مۆھۈر باشقاندەك.
  50. 50ياشلىقنىڭ قەدرى قېرىغاندا ئۆتۈلەر.
  51. 51پاقا سوزۇلۇپ يىلان بولالماس، موماي ياسىنىپ جۇۋان.
  52. 52چۆلدە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا خوتۇنۇڭ ئۆلمىسۇن.
ياشلىق ۋە قېرىلىق ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى