ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 2461ھېساپتا بار، ھەمدەمدە يوق.
- 2462ھېيىتتا خوتۇن ئالما، يامغۇردا ئات.
- 2463ھېيىتتا قويمىغان ئوسماڭنى، ھېيىتتىن كېيىن كاساڭغا قوي.
- 2464ھەر ئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم.
- 2465ھەر ئۆينىڭ مورىسى باشقا.
- 2466ھەر كاللىدا بىر خىيال، تار كاللىدا مىڭ خىيال.
- 2467ھەر گۈلنىڭ پۇرۇقى باشقىچە.
- 2468ھەركىشى ئۆز غېمىدە، كور كىشى كۆز غېمىدە.
- 2469ھەركىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆلەيدۇ.
- 2470ھەركىم بارغا باتۇر.
- 2471ھەركىم قىلسا ئۆزىگە، توپا تىقىلار كۆزىگە.
- 2472ھەركىمنىڭ ئېغىزىنى ئىككى پۇتى كۆتۈرىدۇ.
- 2473ھەركىمنىڭ دەردى ئۆزى ئۈچۈن تۆگىدىن يوغان.
- 2474ھەركىمنىڭ نىيىتى ئۆزىگە ھەمراھ.
- 2475ھەركىمنىڭ چىرىغىنىڭ يورۇغى ئۆزىگە چۈشەر.
- 2476ھەركىمىڭ ئۆزىگە، ئاي كۆزۈنەر كۆزىگە .
- 2477ھەركۈننىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئەمگىكى بار.
- 2478ھەرىكەتتە بەرىكەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت.
- 2479ھەرىمۇ شىرنىسى بار يەرگە قونىدۇ.
- 2480ھەرىنىڭ چاققىنىغا چىدىغان ئادەم ھەسەل يەيدۇ.
- 2481ھەرىنىڭ ھەسىلىمۇ بار، زەھىرىمۇ بار.
- 2482ھەسرەتسىز ئادەم يوق، ساقايماس كېسەل.
- 2483ھەسەت قىلغۇچە ھەسرەت قىل.
- 2484ھەسەتخوردىن بەختىڭنى يوشۇر، سۇخەنچىدىن دەردىڭنى.
- 2485ھەسەلنىڭ ھەرىسى بار، گۈلنىڭ تىكىنى.
- 2486ھەقىقىي دوست ئېغىر كۈنلەردە سىنىلىدۇ.
- 2487ھەقىقەت ئېگىلەر، سۇنماس.
- 2488ھەممىنى كۆرگەن كۆز ئۆزىنى كۆرمەس.
- 2489ھەممە ئىشنىڭ يولى بار، ھەممە تامنىڭ ئۇلى بار.
- 2490ھەممە كىشى ئانىدىن يالىڭاچ تۇغۇلغان.
- 2491ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.
- 2492ھەيدىگىنىڭ ئالتە ئۆچكە، ئۈشت-ئۈشتىڭ ئالەمنى ئالدى.
- 2493ۋاقتىڭ ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ.
- 2494ۋاقتىڭ كەتتى-بەختىڭ كەتتى.
- 2495ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت.
- 2496ۋالاقتەگكۈر گەپ بەرمەس، سۇنۇپ كەپكۈر نەپ.
- 2497ۋاپا-تاق، جاپا -جۈپ.
- 2498ۋاپاسىز ئادەمدىن ۋاپادار ئىت ياخشى.
- 2499ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.
- 2500ۋەتىنىگە مېھرى يوق ئوغلان بولالماس، دۈشمىنىگە قەھرى يوق پالۋان بولالماس.
- 2501ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن.