ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ئو» ھەرپى
77 ماقال
- 1ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپتۇ.
- 2ئوت بىلەن ئويناشقاننىڭ قولى كۆيەر.
- 3ئوت بىلەن سۇ تىلسىز يىغا.
- 4ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما، ئىت ھاۋشىغان يەرگە بار.
- 5ئوتتۇرىدا قاڭشار بولمىسا، ئوڭ كۆز سول كۆزنى يەيدۇ.
- 6ئوتتۇز چىشتىن چىققان سۆز، ئوتتۇز ئەلگە تاارپتۇ.
- 7ئوتقا قاراپ تۆمۈر سوق.
- 8ئوتقا كەلگەن خوتۇننىڭ ئوتتۇز ئېغىز گېپى بار.
- 9ئوتقا چىدىغان ئوينايدۇ، پۇلغا چىدىغان چاينايدۇ.
- 10ئوتنى سەل چاغلىسا كۆيدۈرىدۇ، دۈشمەننى سەل چاغلىسا ئۆلتۈرىدۇ.
- 11ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچەر، قوشناڭنى كوچىلىساڭ كۆچەر.
- 12ئوتنى كىم تۇتسا، شۇنىڭ قولى كۆيەر.
- 13ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە، ئىچىدە كۆي.
- 14ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى.
- 15ئوتۇن يارغان پالتا ئىشىكنىڭ سىرتىدا قاپتۇ.
- 16ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن.
- 17ئورمىنى بۆلۈم تۈگىتەر، ئادەمنى ئۆلۈم.
- 18ئورىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشەر.
- 19ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز.
- 20ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.
- 21ئوسمىغا ئامراققا ئەر ئامراق.
- 22ئوسۇرۇققا ئارپا نېنى باھانە.
- 23ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس.
- 24ئوغرى ئاسماقچى كېلەر، غالچا غەيۋەتچى.
- 25ئوغرى ئالغان مالغا ئىگىسى سەۋەبكار.
- 26ئوغرى ئۆلگۈچە«مەن ئاق»دەپ تۇرار.
- 27ئوغرى بولساڭ ئىنساپ بىلەن بول، تاۋىقىنى ئالساڭ قوشۇقىنى قوي.
- 28ئوغرى بېيىماس، تەمەخور تويماس.
- 29ئوغرى تۇتساڭ چوڭنى تۇت.
- 30ئوغرى تۇتۇلار، قىمارۋاز ئۇتۇلار.
- 31ئوغرى تۇتۇلسا يەرگە قارايدۇ، جالاپ تۇتۇلسا كۆككە.
- 32ئوغرى تۈن يېرىمىدا، پىتنىخور كۆپكۈندۈزدە.
- 33ئوغرى ساقچىدىن قورقىدۇ، جىن ياخشىدىن.
- 34ئوغرى قېرىسا سوپى بولار، جالاپ قېرىسا بۈۋى بولار.
- 35ئوغرىدىن ۋاپا كۈتمە، ئوغىدىن شىپا.
- 36ئوغرىسى يوق يۇرت بولماس، بۆرىسى يوق جاڭگال.
- 37ئوغرىنى ئوغرى تاپار.
- 38ئوغرىنى قاراقچى سوقۇپتۇ.
- 39ئوغرىنىڭ دوستى يانچۇقچى.
- 40ئوغرىنىڭ كۆزى كېچىسى كۆرەر.
- 41ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
- 42ئوغلى بار ئوغلىدىن كۈلمە، قىزى بار قىزدىن.
- 43ئوغلى بارنىڭ ئۆزى بار، قىزى بارنىڭ ئىزى.
- 44ئوغلى غورا يېسە، دادىسىنىڭ چىشى قاماپتۇ.
- 45ئوغلۇم يەپ ئوۋغا چىقتى، قىزىم يەپ قىرغا.
- 46ئوغلۇڭ ئۆسسە ئۇلۇغلار بىلەن قوشنا بول، قىزىڭ ئۆلسە خىللىقلار بىلەن قوشنا بول.
- 47ئوغۇت يىغساڭ تاتىلاپ، ھوسۇل ئالساڭ قاچىلاپ.
- 48ئوغۇل -تاغقا ئوخشار، قىز- ئالمىغا.
- 49ئوغۇل بالا تۇغۇلسا ئۆيۈڭگە بىر پەرىشتە قونار، قىز بالا تۇغۇلسا يەتمىش پەرىشتە.
- 50ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ.
- 51ئوق يەتمىگەن يەرگە قىلىچ شىلتىما.
- 52ئوقۇغان ئۇزار، ئوقۇمىغان توزار.
- 53ئولتۇرسا ئوچاقنى ئۆرۈپتۇ، قوپسا مورىنى.
- 54ئولتۇرۇۋەرسەڭ تاشمۇ ئىسسىيدۇ.
- 55ئولتۇۇرپ يېسەڭ تاغمۇ توشىمايدۇ.
- 56ئون ئىتقا يېگۈزگەندىن، بىر بۆرىگە يېگۈزگەن خوپ.
- 57ئون بارماق بىردەك ئەمەس.
- 58ئون باشلىقنىڭ مۇڭى باشقا.
- 59ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار.
- 60ئون تونۇشتۇرۇشتىن بىر تونۇش ئەلا.