ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ئۇ» ھەرپى
40 ماقال
- 1ئۇراي دېسەم يالغۇز بالام ، ئۇرماي دېسەم ياۋۇز بالام.
- 2ئۇرۇشقاق ئۆز سايىسى بىلەن ئۇرۇشار.
- 3ئۇرۇشقاق خوتۇن تۇل بولار.
- 4ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ ئېرى تېز قېرىيدۇ.
- 5ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ.
- 6ئۇرۇق -تۇغقان يات بولماس، ئالتۇن -كۈمۈش دات.
- 7ئۇرۇق -تۇغقاننىڭ يىرىقى ياخشى، ئوتۇن -ياغاچنىڭ يېقىنى.
- 8ئۇرۇقۇڭنى يېگۈچە، ئۇيۇڭنى يە.
- 9ئۇزۇن گەپ ئۆزىنى ئۇرار، ئۇزۇن چاپان پۇتنى.
- 10ئۇزۇننىڭ ئارىسىدا قىسقا بار، قىسقىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن.
- 11ئۇستا ئوۋچى ئىز تونۇيدۇ، زېرەك يىگىت قىز.
- 12ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قابىل دېھقان بوز ئاچار.
- 13ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت، ھەر مۇقامدا يورغىلار.
- 14ئۇستاز ئۇنتۇلماس.
- 15ئۇسسىساڭ تالقاپ كاپ ئەت.
- 16ئۇسسۇل ئوينىيالمىغان قىزغا، ئۆينىڭ تارلىقى باھانە.
- 17ئۇماچ ئىچىتىم توق، ئۆرە قوپسام يوق.
- 18ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.
- 19ئۇماچقا زەدەك توغراپتۇ، پولوغا مەدەك.
- 20ئۇماچنىڭمۇ ئۆتنىسى بار.
- 21ئۇمىچى يوق مازاردىن، شەيخ زېرىكىپتۇ.
- 22ئۇمۇ يوق، بۇمۇ يوق، ئېرىقتىكى سۇمۇ يوق.
- 23ئۇن-ماي ھەر ئۆيدە بار، ياخشى تاماق بىر ئۆيدە.
- 24ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ.
- 25ئۇنى يوق دېسەم زاڭ دەيدۇ، ھاردىم دېسەم ماڭ دەيدۇ.
- 26ئۇنى يوقنىڭ خۇنى يوق.
- 27ئۇنىغانغا يۇنۇغان.
- 28ئۇنچى ھاكچىنى كۆرەلمەس.
- 29ئۇي ئۆلتۈرگەن پالتا بوسۇغىدا قاپتۇ.
- 30ئۇياتسىز خوتۇن-تۇزسىز ئاش.
- 31ئۇياتسىز مۈشۈككە، قازاننىڭ ئېشى ئوچۇق.
- 32ئۇياققا تارتسام ئات ئۆلىدۇ، بۇياققا تارتسام ھارۋا سۇنىدۇ.
- 33ئۇيانغا باق، بۇيانغا باق، ئەتىگەن تۇرۇپ قوشناڭغا باق.
- 34ئۇيقۇدا ئۇيات يوق.
- 35ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇيىقى سىرقىرار.
- 36ئۇچقۇندىن قورققان تۆمۈرچى ئەمەس.
- 37ئۇچماس توخۇ، كۆچمەس تام.
- 38ئۇچىسى قىچىشقان ئېشەك تۈگمەنگە ئۆزى بارار.
- 39ئۇۇق-تۇغقان تېپىشار، ياتقا بالا يېپىشار.
- 40ئۇۋىنى چىشى قۇش ياسار.