ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ق» ھەرپى

248 ماقال

  1. 1قاتاردىن قالغۇچە، خاتادىن قال.
  2. 2قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرۇت يەيدۇ.
  3. 3قاتتىق گەپ قىلساڭ، قېتىۋالىدۇ، يۇمشاق گەپ قىلساڭ يېتىۋالىدۇئ
  4. 4قاتىلدىن ئىمان كەپتۇ، پالتىدىن زۇۋان.
  5. 5قارا ئاقارماس، ساراڭ ساقايماس.
  6. 6قارا ئېشەكنىڭ تېزىكى ئىششىققا داۋا.
  7. 7قارا توخۇمۇ ئاق تۇخۇم تۇغىدۇ.
  8. 8قارا كىگىز ئاقارماس.
  9. 9قارادا پولۇ، يامغۇردا شورپا، بوراندا ئۇيقۇ.
  10. 10قارامنىڭ بېشى تاشقا تېگەر، زېرەكنىڭ ئاغزى ئاشقا.
  11. 11قاراڭغۇ يولنى قاراقچى بىلەر.
  12. 12قاراڭغۇنىڭ كۆزى يوق.
  13. 13قارغا ئۆلۈك كۆمگىلى بولماس.
  14. 14قارلىغاچ قارلىغاچقا دان بېرىدۇ، قېرىنداش قېرىنداشقا جان بېرىدۇ.
  15. 15قارلىغاچ پەس ئۇچتى، يەرگە يامغۇر چۈشتى.
  16. 16قارنى يامان ھېيىتتا ئۆلەر.
  17. 17قارنىم ئۈچۈن يىغلىمايمەن، قەدرىم ئۈچۈن يىغلايمەن.
  18. 18قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ.
  19. 19قارىغۇ ھاسىسىنى بىر قېتىم يوقىتار.
  20. 20قارىغۇغا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى يوق.
  21. 21قارىغۇغا يول كۆرسەتسە، ئۆزۈم تاپقان يول دەيدۇ.
  22. 22قارىغۇغا چوڭ يول تار كېلەر.
  23. 23قارىغۇنى ياردا قىستاپتۇ.
  24. 24قارىغۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭساڭ، گوداڭغا چۈشۈرسەن.
  25. 25قارىغۇنىڭ كۆزى كۆرمىسىمۇ، كۆڭلى تۇيار.
  26. 26قارىماي ئېتىۋېدىم، بېشىمغا تەگدى.
  27. 27قارڭغۇدا قېرى خوتۇن ياش كۆرۈنەر.
  28. 28قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر.
  29. 29قازاغا رىزار، بالاغا سەۋر.
  30. 30قازان ئالساڭ چېكىپ ئال، خوتۇن ئالساڭ بىلىپ.
  31. 31قازان بېشىدا بولساڭ، ئاغزىڭ بالدۇر ئاشقا تېگىدۇ.
  32. 32قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈشكە شۇ چىقار.
  33. 33قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى.
  34. 34قازانمۇ ياغ، چۆمۈچمۇ ياغ.
  35. 35قازاننىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ ياغ.
  36. 36قازاننىڭ گۇۋاھچىىسى چۆمۈچ.
  37. 37قازاننىڭ ھورى يامان، يىتىمنىڭ زارى.
  38. 38قازىنى باشقىنىڭ قايغۇسى باشقا.
  39. 39قاسساپ دوستىغا سۆڭەك بېرەر.
  40. 40قاسساپ ياغ چاينايدۇ، ئاشپەز گۆش.
  41. 41قاسساپقا پۇل بېرىپ، ناۋايغا قاراپتۇ.
  42. 42قاسساپنىڭ پىچىقى ئەپلىك، ئاشپەزنىڭ چۆمۈچى.
  43. 43قاش بىلەن كۆز جايىدا بولسا، باشقىسى بازاردا بار.
  44. 44قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس.
  45. 45قاشاڭ ئات مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە.
  46. 46قاشاڭ ئۆردەك بالدۇر ئۇچىدۇ.
  47. 47قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە.
  48. 48قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس.
  49. 49قاغا كەكلىكنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ، ئۆز مېڭىشىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ.
  50. 50قالاشنى بىلسەڭ قارمۇ كۆيىدۇ.
  51. 51قالغان ئىشقا قار ياغار.
  52. 52قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋار تېسەر.
  53. 53قالپاققا تۇشلۇق قىرغىز يوق.
  54. 54قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقار.
  55. 55قانائەت-تۈگىمەس خەزىنە.
  56. 56قانائەتلىك كىشىنىڭ قارنى توق.
  57. 57قانائەتنىڭ ئاستى ئالتۇن.
  58. 58قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس.
  59. 59قانچىلىك ئۇخلىساڭ، شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن.
  60. 60قايغۇدىن كېيىنكى خۇشاللىق ياخشى، خۇشاللىقتىن كېيىنكى قايغۇ يامان.
«ق» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى