ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ر» ھەرپى
15 ماقال
- 1رازى بولمىغان ئاش قورساق ئاغرىتىدۇ.
- 2راست ئېيىتقان قۇتۇلار، يالغان ئېيىتقان تۇتۇلار.
- 3راست ئېيىتىڭ قۇتۇلدۇڭ، يالغان ئېيتىڭ تۇتۇلدۇڭ.
- 4راست بىلەن يالغان بىر يەردە جەم بولالماس.
- 5راست گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يالغان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
- 6راست گەپكە سۇئال يوق.
- 7راست گەپنىڭ خىجالىتى يوق.
- 8راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان.
- 9راسلىق-ھەقلىق.
- 10رودۇپاي كالتەكتىن قورقىدۇ.
- 11روزىنى مەن تۇتسام، ھېيىتنى باشقىلار ئوينىدى.
- 12رەختى بارنىڭ بەختى يوق، بەختى بارنىڭ رەختى يوق.
- 13رەمچى سالىدۇ رەمنى، كۆڭۈلگە سالىدۇ غەمنى.
- 14رەمچىنىڭ رېمىدىن، ئۆزۈڭنىڭ خىيالى ياخشى.
- 15رەھمى يوق ئادەمدىن، رەھمى بار ئىت ياخشى.